«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئىستانبۇلدا زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2018.07.05
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئىستانبۇل كوچىلىرى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن تولدى. نامايىشچىلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
نەق مەيداندىن ئىگىلىشىمىزچە، نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە يەرلىك تۈركلەردىن بولۇپ نەچچە مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشتا كىشىلەر «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن!»، «ئىشغالچى خىتاينىڭ يۇرتىمىزنى دەپسەندە قىلىشىنى خالىمايمىز»، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «مىليونلىغان بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قىينالماقتا!»، «ئەي ئىنسانىيەت، سىلەر نەدە؟!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ۋە تاختايلارنى كۆتۈرۈپ شوئارلار تولدى.
نامايىشچىلار ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز بويىدا توپلىنىپ، ئاندىن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى.
نامايىشقا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە ئالاقىدار باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «5-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشنى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشى پۈتۈن دۇنيادا نارازىلىق قوزغىدى. شۇندىن كېيىن دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستانغا تارتىلدى. ‹ئۈرۈمچى قەتلىئامى› دەپ تونۇلغان بۇ قانلىق ۋەقەدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شېھىت قىلىندى. مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ خەۋىرى بولمىدى. ‹ئۈرۈمچى قەتلىئامى› دىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىزغا ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بېرىلمەستىن، ياسالما سوتقا تارتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى› دىن كېيىن تۈرك-ئىسلام دۇنياسى قاتارلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قەتلىئام، باستۇرۇش، زۇلۇم ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قاتارلىق پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى ھېچقانداق ئەمەلىي قەدەم باسمىغانلىقى، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاي تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يەسلىدىن باشلاپ خىتايچە تەربىيە، خىتايچە يېمەك-ئىچمەك، خىتايچە كىيىم-كېچەك ۋە خىتاي ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر خىتاي 1 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنى مۇددەتسىز شەكىلدە ئاتالمىش ‹يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى› دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيماقتا، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي يەنە ئاتالمىش ‹قوشماق تۇغقاندارچىلىق› سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا زورلىماقتا. خىتايلار چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارنى يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە قاتتىق غەزەپ ۋە نەپرەت پەيدا قىلماقتا. . .»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئاخىرىدا يەنە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.
بۈگۈنكى نامايىشنى ئىستانبۇلدىكى «ئالپەرەن ئوجاقلىرى»، «تۈرك ئوجاقلىرى» قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. نامايىش جەريانىدا «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى كۇرشات مىجان، «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى كازىم ئەردى ئاقتۇنچ قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاينى ئەيىبلىدى.
نامايىشتا يەنە «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆز قىلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن ياشلارنى پىداكارلىققا چاقىرىق قىلدى.
خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم نامايىشچىلار غەزەپلىنىپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا كىرىشكە ئۇرۇندى، بىراق ساقچىلارنىڭ توسۇشى بىلەن بىر-بىرىنى ئىتتىرىشلەر ئاخىرى تىنچىتىلدى. ئىتتىرىش خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق يارىلىنىش بولمىدى. نامايىشچىلار بۇ جەرياندا توختىماي شوئار توۋلىدى.
نامايىش ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى، قارا چەمبىرەك ئۈستىگە «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان ئىدى. تۈركىيەدە قارا چەمبىرەك قويۇش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرگە قارىتا كۆرسىتىلىدىغان بىر ئادەتتۇر.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن ۋە نورۋېگىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان پائالىيەتچى قۇربان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەخمەت تۇرسۇن بۇ نامايىشقا نەچچە مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى، بۇ نامايىشنىڭ خىتايغا قارشى چوڭ بىر سىگنال بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.