2-ئىيۇن كۈنى ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلار بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توكيودىكى بۇنكيو مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1989-يىلىدىكى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ئاڭلىتىلغان.
پائالىيەت شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن تەخمىنەن 150 يېقىن كىشى قاتناشقان.
نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىشىمىزچە، يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان خىتاي ئۆكتىچىلىرى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىنكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتاي دېموكراتلار بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ:« خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسىتى خىتايلار بىلەن يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا خورلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار بىگۇناھ قۇربان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبچىسى ئەلۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى» دېدى.
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى نۇرمۇھەممەت ھاشىم سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان نامايىشچىلار يالغۇز 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ، ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
پائالىيەتتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ياپونىيەدىكى تىبەت،ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەكلىپلەر يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ئاخىرىدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللىغۇچىلاردىن تاكاشى ساتو پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ:« تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە خىتاي دېموكراتچىلىرى ئالدى بىلەن بۇ ۋەقە ھەققىدە توختالدى. خىتاينىڭ ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەردى شۇنداقلا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل رايونلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى» دېدى.
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلار بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، توكيودا 8-ئايدا ياپونىيەدىكى تىبەت، ئۇيغۇر، جەنۇبىي موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرغانلىقىنى جاكارلايدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00