لوندوندىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»خاتىرە نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

4-ئىيۇن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلار بىلەن دېموكرات خىتايلار قاتناشقان بولۇپ، نامايىشتا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. بىز پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى كەرىم زايىر ئەپەندى ۋە ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى رەھىمە مەخمۇت خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە لوندوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ جەريانى ھەققىدە توختالدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە پەقەت خىتايلارلا ئەمەس ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، شۇڭا ھەم دېموكرات خىتايلار بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

نامايىشچىلار «تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق» دېگەندەك شوئارلارنىمۇ توۋلىغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى كەرىم زايىر ئەپەندى خىتاينىڭ لوندون ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت خىتايلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى، خىتايلارنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغانلىقىنى، مۇخبىرلارنىڭ كۆپلۈكىنى بايان قىلدى.

«تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كەرىم زايىر ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989‏-يىلى 4‏-ئىيۇن كۈنى تانكا، برونېۋىكلەر بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىنى ئىگىلەپ ياتقان ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر شۇ قېتىمقى باستۇرۇشتا زادى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھېچقاچان ئېلان قىلىپ باقمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا بىر قانچە يۈزدىن بىر قانچە مىڭغىچە ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كەلمەكتە.

تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قاتناشقان، بۇرۇندىن تارتىپ ھەر يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان رەھىمە مەخمۇت خانىم مەزكۇر ۋەقەدە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگان ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلىدى.