4 - ئىيۇن كۈنى خىتايدا «سۈكۈت» ئىچىدە ئۆتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.06.04
Jaw-ziyang-4-iyun-305 ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﺟﺎﯞ ﺯﯦﻴﺎﯕﻨﯩﯔ 1989 - ﻳﯩﻠﻰ 19 - ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯧﻴﻪﻥ ﺋﻪﻧﻤﯧﻨﺪﯨﻜﻰ ﻗﭽﻠﯩﻖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. ئارقىسىدا ئوتتۇىرىدىراق تۇرغىنى ۋىن جىياباۋ.
AFP Photo


بۈگۈن 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنى. دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قانلىق ۋەقە خاتىرىلەنمەكتە، چەتئەل ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن بەرمەكتە.

ھالبۇكى، بۈگۈن بۇ قانلىق ۋەقەگە سەھنە بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىپقىزىل قانلىرى بىلەن بويالغان تيەنئەنمېن مەيدانى بولسا جىمجىت. ئەتراپ پەقەت قوراللانغان ساقچى ۋە ھەربىيلەر بىلەن لىق تولغان. خىتاي پۇقرالىرى تېخى 25 يىل ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن يا خەۋەرسىز، ياكى ئۇ ھەقتە سۆزلىشىشكە جۈرئىـتى يوق. مانا بۇ ئەھۋال بۈگۈن، خىتايدا تېخى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسە بارلىقىنى كىشىلىك ھوقۇق ياقىلىغۇچىلىرىنىڭ سەمىگە سالدى.

بۇندىن 25 يىل ئىلگىرىكى 4 - ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىقىرىپ، بېيجىڭدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تانكا، ئاپتوموبىل ۋە قوراللىق ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ قانلىق باستۇرغان. مەيدانغا باستۇرۇپ كىرگەن تانكىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقارغان، ئۇلارنى ئېزىپ ئۆتكەن ئىدى. ۋەقەدە رەسمىي بولمىغان رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا نەچچە يۈزدىن نەچچە مىڭغىچە ئوقۇغۇچى ئۆلگەن ۋە غايىب بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرۇپ، نامايىشنى پاك - پاكىزە باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قان بىلەن بويالغان بۇ تارىخىنى پۇقرالارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سالدى. گەرچە ۋەقە بولۇپ ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتايدىكى ئەڭ سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا. نۇرغۇن يېڭى ئەۋلادلار بولسا تېخى يېقىن زاماندىلا بولۇپ ئۆتكەن بۇ قانلىق ۋەقەدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغان كۈنلەردىن باشلاپلا ئۆكتىچى زاتلارغا قاراتقان تەقىپىنى قاتتىق چىڭىتىپ، نۇرغۇنلىرىنى ھەتتا تۇتقۇن قىلغان ئىدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن يەنى 4 - ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە ئۇنىڭغا نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك قاتتىق چىڭىتىلغان، ھەر يەرگە قوراللانغان ساقچى - ئەسكەرلەر ياكى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قويۇلغان. ئەنگىلىيىدىكى سكايلاين خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مارك ستون ئۆزى خەۋىرىدە، بۈگۈن ئۆزىگە ئوخشاش مۇخبىرلارنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدا سۈرەتكە ئېلىشىغا، كىشىلەرنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خەۋەرنى فىلىمگە ئېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەتراپىدا 4 - 5 نەپەر ساقچى خادىمى بار ئىدى. مارك ستون سۆزىدە بۈگۈنكى تەدبىرلەرنىڭ باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك قاتتىقلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چىرىكلىكنى ئاياقلاشتۇرۇشنى، ئوچۇق - ئاشكارىلىقنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلار تانكىلار بىلەن ئېزىلىپ، ئوققا تۇتۇلغان بۇ قانلىق ۋەقەگە سەھنە بولغان تيەنئەنمېن مەيدانى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئالغان مانا مۇشۇنداق قاتتىق تەدبىرلەر نەتىجىسىدە جىمجىت ئۆتتى. ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكى 4 - ئىيۇن باشلانغان بۇ قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر ئەۋلاد پارلاق ياشلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. چارشەنبە كۈنى ئاخشىمى خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە مەيدانىغا قوللىرىدا شام كۆتۈرگەن 100 مىڭدىن ئوشۇق ئامما يىغىلىپ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. بەزى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خوڭكوڭدىكى بۇ نامايىشقا قاتناشقانلار سانىنىڭ 180 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقانلار ئارىسىدا ياشلارنىڭ ئالاھىدە كۆپلۈكى دىققەت تارتقان. خوڭكوڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى دېننىس يىپ مۇخبىرغا «مەن ۋە مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم 25 يىل ئاۋۋال بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرى باشلىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.

بۈگۈن يەنە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بولدى. ھەرقايسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى باياناتلارنى ئېلان قىلدى. بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا، بىز بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان قەھرىمانلار باستۇرۇلغان تراگىدىيىلىك ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا تەزىيىمىزنى بىلدۈرىمىز، دېدى. دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە بولۇپ ئارىدىن 25 يىل ئۆتسىمۇ، ھېلىھەم ئۆزىنىڭ خاتالىقى بىلەن يۈزلىشىشنى رەت قىلىشى ۋە باستۇرۇشنى داۋام قىلىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال دەپ كۆرسەتتى. ئۇلار باياناتىدا ئەسكەرتىپ، ئوقۇغۇچىلار قانلىق باستۇرۇلغان تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىيىسدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق نىشان قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزنىڭ سەمىمىزگە سالىدىغان ۋە بىزگە كۈچ بېرىدىغان بىر ۋەقە بولۇشى كېرەك» دېدى.

بۈگۈن يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي مەخسۇس بايانات بەردى. پىللاي خانىم يازما باياناتىدا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى يېقىندىن بۇيان قولغا ئېلىنغان ئاكتىپلارنى، تۈرمىدىكى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئازاد قىلىشقا چاقىردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەگە ئائىت ئەسلمىلەرنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، تارىخى خاتالىقلىرى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «تارىخى خاتالىقلار بىلەن يۈزلىشىش ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

بۈگۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ھۆكۈمەتلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تيەنمېن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئەمما بۈگۈن، ئەنگىلىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ۋەقە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، پۇقرالارنىڭ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ئوخشاش ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلارنى خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ۋە كىشىلەرنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى. بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگىلىيە ئىشخانىسى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنگىلىيىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا تيەنئەنمېندا ئاققان قانلارغا سىمۋول قىلىنغان قىزىل گۈل قويۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگىلىيە ئىشخانىسى باشلىقى كەيت ئاللېن ۋە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇس ۋاڭ بېڭجاڭنىڭ قىزى ۋاڭ تيەننا ئىككىسى قىزىل گۈلنى قويۇۋاتقاندا ئەلچىخانا ئىچىدىن چىققان بىر خىتاي خادىم بۇ ئىككىسىنى قاتتىق ئىتتىرىۋېتىدۇ ۋە «كېتىڭلار» دەپ ۋاقىرايدۇ. ۋەقە پائالىيەتنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن مۇخبىرلار تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن قاتتىق ئىنكاس قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاللېن خانىم ۋەقەدىن كېيىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بۇ ئەلچىخانا خادىمى بىزنى ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن مۇخبىر - ژۇرنالىستلار تۇرغان تەرەپكە قاتتىق ئىتتىرىۋەتتى. مەن ئۆزەمنى زوراۋانلىققا ئۇچرىدىم، دەپ ئويلايمەن. مەن ئىختىيارسىز ھالدا خىتايدىكى پۇقرالار قانداق مۇئامىلە كۆرۈۋاتقاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. مەنچە ئۇلار بۈگۈن ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسەتتى» دېگەن.

ئەينى ۋاقىتتىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىكى باستۇرۇشتىن ساق قالغانلارنىڭ بىرى بولغان ۋاڭ رېنخۇا ۋەقەدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئۇلار ھەتتا مۇشۇ يەردىمۇ زومىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ زوراۋانلىق قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

بۈگۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى بۈگۈن تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بەرمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇلار «ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ھۆكۈمەتلەرنىڭ جىم - جىت تۇرۇۋېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتىللىق قىلىپ تۇرۇپ قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.