31-ماي فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر، تىبەت، خىتايلار بىرلىكتە نامايىش ئېلىپ باردى.
پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى بۇ پائالىيەتكە پارىژدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتنام تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
نامايىشتا ئالاھىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسى، 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەردە ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەيىبلىگەن.
ئەركىن ئابلىمىت سۆزىدە يەنە، خىتاي تۈرمىسىگە مەڭگۈلۈك قامالغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.
نامايىش پارىژدىكى ئېيفىل مۇنارىغا يېقىن جايدىكى مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشقا تەخمىنەن يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
نامايىش شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە باشلىنىپ كەچ سائەت ئالتىدە ئاخىرلاشقان.
بىز مەزكۇر نامايىش ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.