تيەنئەنمېن مەيدانىدىن نيۇ-يورك دەۋر مەيدانىغىچە

0:00 / 0:00

1989-يىلى 3-ئىيۇن يېرىم كېچىدە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تانكا-برونېۋىكلىرى بىلەن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا باستۇرۇپ كىردى. بۇ ۋاقىت خىتايغا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ باشلانغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا 50 كۈن بولغان، پۈتۈن خىتايدا بۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشقۇچىلار 100 مىليوندىن ئاشقان پەيت ئىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاچلىق ئېلان قىلىپ ھالسىرىغان نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ئوققا تۇتۇلدى، تانكىلاردا باستۇرۇلدى. بۇ قانلىق باستۇرۇش 5-ئىيۇنغىچە داۋام قىلدى. تيەنئەنمېن مەيدانى بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىغا بويالدى. 1989-يىلىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تارىختا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك نامايىش بولغان بولسا، خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۇلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان قانلىق باستۇرۇشى يەرشارى يۈزىدە كۆرۈلگەن،تىنچ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىق بولۇپ تارىخقا پۈتۈلگەنلىكى ئېيتىلدى. خىتاينىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىشلىق پۇقرالىرىغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرى، باستۇرۇشلىرى 26 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

26 يىلدىن بۇيان تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ قالدۇرغان يارىسى خىتاي خەلقنىڭ قەلبىدە ھازىرمۇ قاناۋاتقان بىر يارا. مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم يېتەكچىلىرى قاتناشچىلىرى چەتئەللەردە سۈرگۈندە ياشىماقتا، شۇلاردىن بېرى يىللارچە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 1994-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتىك ھەرىكەتچى ۋاڭ جۈنتاۋ.

26 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۇنىڭ خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى ۋە تانكىلىرى ئالدىدا «بىزگە دېموكراتىيە كېرەك! كوممۇنىستىك پارتىيە يوقالسۇن!» دېگەن چوقانى بۈگۈن نيۇ-يورك دەۋر مەيدانىدا ياڭرىدى.

3-ئىيۇن چارشەنبە نيۇ-يوركتا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي دېموكراتىك پائالىيەت يېتەكچىلىرىدىن ۋاڭ جۈنتاۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 4-ئىيۇننى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ۋاڭ جۈنتاۋنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە نيۇ-يوركتا ئېلىپ بېرىلغان تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى چارشەنبە كۈنى سائەت 10 دا رەسمىي باشلانغان، پائالىيەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ 70 تىن ئارتۇق بىر گۇرۇپپا مەخسۇس خىتايدىن ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرمىدىكى 31 نەپەر ۋىجدان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ دەۋر مەيدانىدىن، يەنە بىر گۇرۇپپا يۈزدىن ئارتۇق كىشى بولسا خىتاي ئەرزدارلار قوشۇنىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بۇ نامايىشچىلار لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈپ «خىتاي كومپارتىيىسى يوقالسۇن»، «خىتايغا دېموكراتىيە»، «پارىخورلار يوقالسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن.

ۋاڭ جۈنتاۋ يەنە بۈگۈنكى نامايىشتا نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنى نورمال خىزمەت قىلدۇرماسلىق، ئەلچىخانىنى يېپىشقا مەجبۇرلاشتا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا خىتاي ئەلچىخانىسى 200 ئاشقان نامايىشچىنىڭ ئەلچىخانىنى قورشىۋالغانلىقىنى نيۇ-يورك ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئىككى سائەتكىچە ساقچى كەلمىگەن، كېيىن ئىككى نەپەر ساقچى كېلىپ ۋاڭ جۈنتاۋ ئەپەندىدىن نامايىشنى قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرىغا بۇ نامايىشنىڭ ئامېرىكا ۋە نيۇ-يورك قانۇنلىرىغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرمىسە يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ كەتكەن.

بۈگۈن نيۇ-يوركتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش پائالىيىتىگە خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسى تەشكىلاتى، سوتسىيال دېموكراتىيە پارتىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن، نيۇ-يورك، ۋاشىنگتون، فلورىدا، تېكساس قاتارلىق جايلاردىن نامايىشچىلار قاتناشقان. تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى نيۇ-يوركتا تۈنۈگۈنلا باشلانغان بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن،بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشنى تۈگىتىپ چۈشتىن كېيىن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابى ئالدىدا داۋاملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ نامايىش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئەتىگە پىلانلانغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ كەچ سائەت 7گىچە نيۇ-يوركنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى ئايلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ۋاڭ جۈنتاۋ ئەپەندى،تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ 26 يىلدىن بۇيان توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاللا بۇرۇن خاتىرىلەشتىن ھالقىپ بىر ئىنقىلاب چاقىرىقىغا ئايلانغانلىقىنى يەنى خىتايدا دېموكراتىك ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش تەقەززاسىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاڭ جۈنتاۋ يەنە، 26 يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىنى بىر جۈملە سۆزگە يەكۈنلەپ، «خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى 26 يىلدا تېخىمۇ قەبىھلەشتى» دېدى. ئۇ، يەنە مۇنداق دېدى:
80-يىللاردا بىز دەل پارتىيە ھۆكۈمەتتىكى پارىخورلۇققا، چىرىكلىككە قارشى مەيدانغا چىققان ئىدۇق ھازىر قارىساق چىرىكلىك خىتايدا ئۆرۈپ ئادەتكە ئايلىنىپ بولدى. بۇنىڭ ئۆزى كومپارتىيىنىڭ زور مەغلۇبىيىتى.ئەمەلىيەتتە خىتاي دېموكراتىيلىشىشكە يېقىنلىشىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدىن ئۈمىد زور چۈنكى ئادەتتىكى پۇقرالارلا ئەمەس ھەتتا ئۆزىنىڭ چېرىكلىككە تايىنىپ بېيىغان كادىرلىرىمۇ خىتاي جەمئىيىتىدە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەممىسى ئەينى چاغدا بىزنىڭ دېموكراتىيە ئاۋازىمىز قانلىق باستۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي جەمئىيىتى تېخىمۇ كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئادالەتسىزلىشىپ، دېموكراتىيىنى تېخىمۇ يوقاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇڭا ھازىر بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىمىزنى قوللىغۇچىلار، تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى ئەيپلىگۈچىلەر تېخىمۇ كۆپەيمەكتە، خىتاي خەلقىنىڭ ئادالەتكە، تىنچلىق ئەركىنلىك، دېمكراتىيەگە بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئاۋازى كۈچەيمەكتە.