ياۋروپادا 4-ئىيۇننى خاتىرىلەش نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇلدىن ئىبارەت 4 تەرەپ بىرلەشمە يىغىنى 3-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن توپلانغان دېموكراتىك خىتايلارنىڭ تۈرلۈك پارتىيە-گۇرۇھلىرىنىڭ باشلىقلىرى ھەم تىبەتلىكلەر، موڭغۇللارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.
يىغىن 3-ئىيۇن كۈنى كەچتە ستۇتگارت شەھىرىدىكى Holiday INN مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىننى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان «پۈتۈن دۇنيا خىتاي ۋە ئاسىيانىڭ دېموكراتىيە مۇنبىرىنى قوللاش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى فېي لياڭيوڭنىڭ بۈگۈن فىرانسىيە ئاۋازىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىنغا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەشكىلاتلىرىدىن دېموكراتىك خىتاي فرونتى، خىتاي جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى، خىتاي دېموكراتلار پارتىيىسى، خىتاي يېشىللار پارتىيىسى، ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى، تىبەت تەشكىلاتلىرى ھەم دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
يىغىنغا يەنە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تەيۋەنلىكلەر، فرانسۇزلار ۋە گېرمانىيەنىڭ سىياسىي، دىنىي ساھەسىدىكى بىر قىسىم كىشىلىرى بولۇپ 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 50 تىن ئارتۇق كىشى تەكلىپ قىلىنغان.
3-ئىيۇن كۈنى Holiday INN مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى «تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» بولسىمۇ، يىغىندا خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىندا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا د ئۇ ق ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىۋاتقان قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە قۇرۇلتاي نەشرىيات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، يىغىننىڭ تەپسىلاتى توغرۇلۇق بىزگە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەردى. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى سۆھبەتتىن ئاڭلىغايسىزلەر.
يىغىن كۈنتەرتىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن ستۇتگارت شەھىرىدە يەنە «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى»گە ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 4-ئىيۇن كەچتە بولسا، لەھمان كۇلۇبىدا تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، 4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىنى گېرمانىيە دىنىي ساھەسىنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق خەلق ئىچىگە كەڭ يېيىش مەقسىتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.