فېۋرال ئېيى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدەك ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەر پۈتۈلگەن بىر ئايدۇر. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلغان سىستېمىلىق قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئېلىپ بارغان جىنايى پاكىتلاردىن بىرى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش، ۋەقەدە شېھىت بولغان ۋە خىتاي تۈرمىلىرىگە ناھەق قامالغان غۇلجا ياشلىرىنى ئەسلەشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى، دەپ بىلىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋەقەنىڭ 17 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن بۇ يىل ئوخشىمىغان ئەللەردە، نامايىش، خاتىرىلەش سۆھبەتلىرى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئىسپات بېرىش يىغىنلىرى قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرگە جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 5-فېۋرال مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشلىرىمۇ خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشى بىلەن نەتىجىلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالى 1997-يىلى ئىلىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش، نادانلىققا، نامراتلىققا ئىتتىرىشلىرىگە چىداپ تۇرالمىغان مىڭغا يېقىن غۇلجا ياشلىرى 5-فېۋرال كۈنى تىنچ نامايىشقا چىقىپ، خىتاي ئىشلىگەن كىيىملەرنى كىيمەيمىز دېيىشىپ، ئۈستى بېشىدىكى خىتاي ئىشلىگەن چاپانلارنى تاشلاپ، بىر-بىرىنى چىڭ قولتۇقلىشىپ سەپ بولۇپ مېڭىپ، يول بويى تەرتىپلىك ھالدا شەھەر مەركىزىدىكى ھاكىمىيەت ئىدارىسى ئالدىغا كەلگەندە، خىتايلارنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن قىسىملىرى، بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە جاسۇسلىرىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىندى، ساقچىلار قەھرىتان قىش، نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گرادۇس سوغۇققا قارىماي، قىلچە رەھىم قىلماي ئۇلارغا سوغۇق سۇ چاچتى، ئۇرۇپ-سوقتى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ھايات قالغانلارنى تۇتۇپ تۈرمىلەرگە قامىدى.
ۋەقەدە تىرىك قالغان شاھىتلارنىڭ ئېغزىدىن مەلۇم بولغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەگە سەۋەب بولغان ئامىللار مۇنداق، بىر قانچە قېتىم شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلار 1994-يىلىدىن تارتىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن چىرىكلىشىشكە يەنى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئىچىملىككە مۇپتىلا قىلىشتەك رەزىل قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، خىتاينىڭ سىستېمىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلاردىكى مىللىي روھنى ئويغىتىش مەقسىتىدە ئىلى مەشرىپىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا باشلىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ياشلارنىڭ بۇ خىل قانۇنلۇق پائالىيەتلىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى، ھەتتا ياشلارنىڭ پۇتبول كوماندىلىرى تەشكىللەپ مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشمۇ مەنئى قىلىندى. ياشلارنىڭ ھەر قانداق باھانە بىلەن بىر يەرگە توپلىنىشى چەكلەندى.
1997-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىسى غۇلجىدا رامزان ئېيىنىڭ قەدىرى كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئاياللار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلدى. ساقچىلار دىنىي ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىن باشقا ھېچبىر مەقسىتى بولمىغان بۇ ئاياللارنى تۇتۇپ تۈرمىگە قاماپ قاتتىق ئۇرۇپ قىينىدى. بۇ ۋەقە ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ غۇلجا ياشلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەتسىز يولسىزلىقلىرىدىن غەزىپى تېشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى، ئادالىتىنى تەلەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولغان، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ قىش كۈنى سوغۇق سۇ چېچىپ ھەمدە تۇتۇلغانلارنى سوغۇق جايلاردا قاماپ قويۇپ بىرمۇنچە ئادەم توڭلاپ ئۆلدى. بۇ باستۇرۇشلارغا چىداپ تۇرالمىغان غۇلجا خەلقى غەزەپلىنىپ ئەتىسى 6-فېۋرالدا مىڭلىغان كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن نامايىشچى ياشلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، قورالسىز خەلقنى ئوققا تۇتتى. بەزى مەلۇماتلار بويىچە ئىككى كۈنلۈك قىرغىنچىلىقتا 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 400 دىن ئارتۇق ياشنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. شۇ كۈنلەردە يەنە ئىلى ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 5000، پۈتۈن ۋەتىنىمىز بويىچە 20 مىڭ ئۇيغۇر تۇتۇلغانلىقى، نۇرغۇنلىغان ياشلار ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتاي غۇلجا ۋەقەسىدە قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلىقى ھەققىدە ھەقىقىي ساننى يوشۇرۇپ كەلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى، ناھەقچىلىككە قارشى تىنچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق قىلغاندىن باشقا، تۇتۇلغانلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈردى.
شۇ يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈسۈپ تۇرسۇن قاتارلىق 3 نەپەر ياشنى ئۇرۇش، بۇلاش، چېقىش، كۆيدۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان دېگەن بوھتان بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.
شۇ يىلى 7-ئايدا غاپپار تەلەت قاتارلىق 9 نەپەر ياش ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى.-5 فېۋرال نامايىش يېتەكچىلىرىدىن: ئابدۇخېلىل مىجىت ۋە ئابدۇمىجىت ئابدۇراخمانلارنى چاپچالدىكى سۇ تۈرمىسىدە 3 يىل دەھشەتلىك قىيناپ ئۆلتۈرگەن. ئىبراھىم ئىسمائىل فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى رەھبىرى دەپ ئەيىبلىنىپ غۇلجىدا چوڭ دائىرىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، شەھەر سىرتىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1999-يىلى 21-سېنتەبىردە ئىلى ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 30 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. ئۇلاردىن نۇرەخمەت نىياز، قۇربانجان ھۈسەيىن، تۇرغان سەيدۇللا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ دەرھال ئىجرا قىلىش، مېھمانجان ئەمەت قاتارلىق 7 ئۇيغۇرغا 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئېتىش ئۆلۈم جازاسى بەردى، يۈسۈپجان ئابلىز قاتارلىق 4 كىشى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا، قالغانلار 20 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئۇيغۇرلار5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى، ناھەقچىلىككە باتۇرلارچە قارشى چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى، مىللىي غۇرۇرىنى، ئىپپەت-نومۇسىنى قوغداش، ھاياتىنى قوغداش، ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولدى، ئۇيغۇر روھىنىڭ، ئەركىنلىك، ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ يىقىلماس ئابىدىسىنى تىكلىدى دەپ باھا بەرسە. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلغان سىستېمىلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاشكارا پاكىتى، دۆلەت تېررورلۇقىنى دۇنياغا ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقە دەپ خاتىرىلەيدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن بۇ يىل-5 فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە،گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئۇيغۇرلار يىللاردىكىدەك خاتىرىلەش تەييارلىقىغا كىرىشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى دولقۇن ئەيسانى ميۇنخېندىكى ئىشخانىسىدىن تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.
ۋاشىنگتوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى-5 فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە، زىچ ئۇيۇشۇپ بىر ئاۋازغا ئايلىنىشقا چاقىردى.