«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ۋە مەن» (1)

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلار 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، كۈرەش ئىرادىسى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھالار بەرمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزدا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە ئۇيۇشتۇرغان مۇلاھىزىمىزگە بۈگۈن، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.