«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ۋە مەن» (2)

0:00 / 0:00

ھەممىگە مەلۇم 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلىرى غۇلجا مەشرەپلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىشىغا دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوللۇق مەشرەپلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ توسقۇنلۇق قىلغانلىقى سەۋەب بولدى.

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا، كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىپ داۋام قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەشرەپ پائالىيەتلىرىدە، سەھنىلەردە خەلقنىڭ ئاھۇ- زارى، ئارزۇ ئارمانلىرى ھەمدە ناھەقچىلىككە بولغان نارازىلىقلىرى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ناھەقچىلىككە بولغان ئىسيانكار روھىنى ساتىرىك تىلى ئارقىلىق مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، چاقچاق، ئىتوت ۋە ئېپىزوتلىرى بىلەن خەلقنىڭ بىر قانچە يىل قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىكەن ۋە يارىلانغان قەلبىگە بىر مەھەل مەلھەم بولغان خەلق سەنئەتكارى، ھازىر گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ قالدۇرغان 17-يىللىق ئۆچمەس خاتىرىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.