گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىمۇ 3-فېۋرال ۋە 5-فېۋرال كۈنلىرى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

3-فېۋرال كۈنى بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىريۇسسېل شەھەر مەركىزىگە توپلىنىپ، 1997‏-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بارغان. كۆك بايراق ۋە كۆك كىيىملىك نامايىشچىلار ھەر خىل شوئارلار بىلەن 2 سائەت نامايىش قىلغان.

5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دېنھاگ شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىغا جەم بولۇپ، ئۆزگىچە ئۇسۇلدا نامايىش ئېلىپ بارغان. د ئۇ ق مەدەنىيەت كومىتېتى مۇدىرى زەينىدىن ئەپەندى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا 8 مىڭ تال ئەتىرگۈل بىلەن گۈلچەمبىرەك تىزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئەسلەش ھېسلىرىنى ئىپادە قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئالايىتەن گېرمانىيەدىن بېرىپ، گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشنى قوللىغان.

زەينىدىن ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشقا شوتلاندىيەلىك بىر مۇزىكانت كىشىنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە دەرس ئاڭلاتقان. ئۇ سۆزىدە، بۇ پائالىيەتكە كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتناشقانلىقىدىن كۆپ سۆيۈنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، نامايىشنىڭ تەسىرلىك، جانلىق رەۋىشتە داۋام قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى بىلەن، بۇ يىلقى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ياكى ئىلمىي يىغىلىشلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئېلىپ بېرىلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا جانلىق بىر ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.