5-فېۋرال كۈنى بىشكەك شەھىرى، ئالامېدىن 1-رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىنغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-رايونلاردىن كەلگەن كۆپلىگەن جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دا جېنىنى قۇربان قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلەرگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.
رىياسەتچى دەسلەپ دوكلات ئوقۇشقا پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ۋە «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفنى تەكلىپ قىلدى. ناتىق ئۆز دوكلاتىدا پاجىئەنىڭ باشلىنىش سەۋەبلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىشقا چىققان ياشلارنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقچى قىسىملىرى قورشىۋېلىپ، ئوق ئېتىپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە يارىدار بولغانلىقىنى شۇنداقلا نەچچە مىڭلىغان ياشلارنىڭ تۈرمىلەرگە سولانغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ناتىق دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا «غۇلجا 5- فېۋرال قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
سۆزگە چىققان قانۇنچى تۇرسۇن ئىسلام ئۆز دوكلاتىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى فاشىست سىياسەت بىلەن سېلىشتۇردى.
مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف «بۇ قانلىق قىرغىنچىلىق ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ، بىگۇناھ تۆكۈلگەن قانلار بىكار كەتمەيدۇ»، دەپ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
غۇلجا 5-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى جالال-ئاباد شەھىرىدىمۇ خاتىرىلەندى ۋە ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى جالال-ئاباد ئاھالىسىگە تونۇشتۇرۇلدى. دوكلات بەرگەن ئابدۇغېنى ئەپەندى ۋە جالال-ئاباد «ئىتتىپاق» شۆبىسى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوفلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان تەقىبلەش سىياسىتىنى ئەيىبلەشتى.
0:00 / 0:00