5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنى جازالاشنىڭ مۇھىم باھانىلىرىدىن بىرى بولغان

ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىققان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەقەدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئېنىقلاشقا باشلانغان نۇرغۇن دېلولارنىمۇ بۇ ۋەقەگە چېتىپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.02.14
urumchi-basturush-5-iyul-305.jpg ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن قوراللىق ئەسكەرلەر. 2011-يىلى ئىيۇل.
RFA

5-ئىيۇل غايىبلىرى مەسىلىسىدىن باشقا يەنە 5-ئىيۇلنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇتقۇن قىلىنغان ھەم داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىپ، جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلىلارنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇنداق تەقىپلەشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، جازالىنىش ۋەقەلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار كېچىكىپ بولسىمۇ ئاشكارىلانماقتا.

ۋەقەدىن ئۇچۇر ئالغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدىن بەش ئۇيغۇر 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىپ، سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بىراق، بۇ بەش كىشى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىر يىلدىن كېيىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇ بەش كىشى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بەش يىلدىن بىر يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىلىك مۇپەتتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت توخنىياز، ئونسۇ ناھىيىلىك سودا-سانائەت بانكىسىدىن مەخمۇت تۇنىياز قاتارلىق كىشىلەر بار ئىكەن.

ئۇلارنىڭ نېمە جىنايەت بىلەن سولانغانلىقى تېزدىن جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بۇ بەش كىشىگە ئوخشاش دېگۈدەك، «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىنى كومپيۇتېرىغا چۈشۈرۈپ ساقلاش، ئۇنى باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بېرىش، بۇ ھېكايىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ، باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بېرىش، يازغۇچى ۋاڭ لىشيوڭنىڭ «ئۇيغۇرلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش» ناملىق ماقالىسىنى كومپيۇتېردا ساقلاش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇش، توردىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرئىتىنى كۆرۈش، تۈركىيە باش رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىنىڭ فىلىمىنى توردىن كۆرۈش، ئېلىخان تۆرىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈش، تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق كىتابلىرىنى كومپيۇتېرىدا ساقلاش، ئىسلام دىنىغا ئائىت ئېلكىتابلارنى كومپيۇتېردا ساقلاش، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنى ئاڭلاش، توردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە پروگراممىلىرىنى ئاڭلاش، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تور بەت ئادرېسىنى باشقىلارغا دەپ بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر يۈكلەنگەن. غەيرەت توخنىيازغا ئاتالمىش دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

مەھمۇت تۇنىيازغىمۇ ئاتالمىش دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى بىلەن بىرگە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

قالغان ئۈچ ئۇيغۇرغىمۇ ئۈچ يىلدىن بىر يىلغىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن چىققان ياكى چىقمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئۇچۇر ئىگىلەش مۇمكىن بولمىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇش، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىدە نەشر قىلىنغان كىتاب-ماقالىلارنى ئوقۇش ھەم تۈرلۈك خەلقئارالىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ۋە ئاڭلاشنى جىنايەت تەرىقىسىدە جازالاش خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن كۆرۈلمەيدىغان ۋەقە. خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان تارىخ ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت كىتاب-ماقالىلار خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە تور بەتلىرىدە كەڭ ئەۋجى ئالغان بولۇپ، خىتاي زىيالىيلىرى ۋە تارىخچىلىرى يازغان بەزى ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشمۇ جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن. خىتاينىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى چىقارغان دىنىي كىتابلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە بىر قەدەر كەڭرەك رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، تۇڭگانلار رايونىدا نەشر قىلىنغان كىتابلار ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىنىدىغان، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىپ، تارقىتىلغان كىتابلار ھەم ئۈن پلاستىنكىلىرى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىقلار جايلاردا كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي سوت دائىرىلىرى ئىلگىرى-كېيىن غەيرەت نىياز، گۈلمىرە ئىمىن، مۇھەممەدجان ئابدۇللا ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنە باشقا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ جازالانغانلىقى مەتبۇئاتلاردىن خالى قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.