«ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» دىكى ھېكايىلەر (3): «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى غايىب ياشلار

0:00 / 0:00

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل» ۋەقەسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەزمۇندىكى خەۋەرلەر ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان «ئۇيغۇر توپىلاڭچىلىرى كۆپلىگەن بىگۇناھ خىتاي ئاممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن» دېگەن مەزمۇندىكى خەۋەرلەر بولسا، يەنە بىرى، د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شاۋگۇەن شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىھۇدە تاياق يەپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچىدە تىنچلىق نامايىشى قىلغان. ئەمما ساقچىلار نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن نامايىش مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن» دېگەن مەلۇماتلىرى بولغان.

«ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» نىڭ ئاپتورى ئىنگرىد خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا تېلېۋىزور ياكى رادىيودىن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ياۋروپالىقلارغا ئاددىيلا شەكىلدە مەلۇم بولغىنى «ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولغان ۋە 197 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن» دېگەن مەلۇماتلار بولغان. ئەمما بۇ «توقۇنۇش» نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تۈپلۈك سەۋەبلەر ھەمدە باشقا ئامىللار ھەققىدە ياۋروپالىقلارنىڭ بىخەۋەر ئىكەنلىكى ئاپتورنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىككى بابىنى مۇشۇ ۋەقەلەرگە بېغىشلاشنى قارار قىلىپ، غالىپ ۋە ھامۇت ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ پروتوتىپىنى ياراتقان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھەققىدە ئۆزۈممۇ ئانچە كۆپ مەلۇماتلىق بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا شۇ ۋاقىتتا باشقا تاللاش بولمىدى. شۇ سەۋەبتىن غالىپنىڭ ھېكايىسىدىكى ۋەقەلەرنى مەن ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› دىن ئاڭلىدىم شۇنىڭدەك باشقا خەۋەرلەردىنمۇ شۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن ياش بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ مۇخبىرلار ۋە تور ساھىبلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ غايىبلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ ھايات ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىشكە ئىلاجسىز قالغان. بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ۋاقىتلاردىكى ئانىلارنىڭ قانداق سەكپارە بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆردۈم. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋېتىدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. ھامۇتنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بولسا بىر ياش يىگىت ماڭا سۆزلەپ بەرگەن. مانا مۇشۇلار مەن بىلگەن ھەقىقىي ئەھۋاللار ئىدى.»

ئاپتورنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن خەۋەر تېپىشىچە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە توپ-توپ خىتايلار كوچىغا چىقىپ ئۇيغۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىشقا كىرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ياش بالىلار ئۇشتۇمتۇتلا غايىب بولۇپ كەتكەن. ھالبۇكى، بۇ ئىشلار ئاخبارات دۇنياسىدىن تېگىشلىك يەر ئالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر ئاددىيلا «مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسى،» دەپ قارالغان.

ئۇ بۇ ھەقتە باش قەھرىمان قىلىپ تاللىۋالغان غالىپ ئەنە شۇنداق بىردىنلا غايىب بولۇپ كەتكەن تور-تۇرا (بلوگ) ساھىبلىرىنىڭ بىرى. ئۈرۈمچىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان غالىپ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان؛ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان تور بېكىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ھەققىدىكى يازمىلارغا ئورۇن بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكىرىدىكى شاۋگۇەندە زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى، بۇ ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت، دىن ۋە ئىقتىساد جەھەتلەردە قانداق يەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز تور تۇراسىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما ياۋروپادىكى كىشىلەر 2009-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە بولغان ۋەقەنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ۋەقەنىڭ قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى بولسا ‹ئۇيغۇرلار توپىلاڭ قىلغان. بەك كۆپ ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن› دېگەن خەۋەرلا بولۇپ، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش ھېچكىمنىڭ يادىغا كەلمىگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مەن مانا مۇشۇ ئامىللارنى كىچىككىنە بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇناي، دەپ ئويلىغان ئىدىم. دەرۋەقە مەن غالىپنىڭ ئانىسىنى تونۇمايتتىم. ئەمما ئۇنىڭ شۇ مىنۇتلاردا نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم. مەن ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› دىن غالىپنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۈرمىگە بېرىپ غالىپ بىلەن 15 مىنۇت كۆرۈشۈشكە رۇخسەت ئالالىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇنىڭ نېرىسىدىكىنى بەدىئىي توقۇلما دېسىڭىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى ئۇچرىشىشىنى شېئىرىي پۇراققا تويۇنغان غۇۋا ئەركىنلىك دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما مۇھىم بولغىنى سىزدە ھېسداشلىق تۇيغۇسى بولغاندىلا شۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇنى ھەقىقەت نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، يەنە ئىنسانلىق نۇقتىسىدىنمۇ ھېس قىلالايسىز.»

غالىپ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاشۇ توقۇنۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرەلمىگەن. ئەمما ئوغلىنىڭ تېلېفونى ئىزچىل جاۋابسىز ۋە ھېچقانداق جايدىن، ھەتتا قانۇن ئورگانلىرىدىنمۇ ئوغلى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئېغىر رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا چارە يوقلۇقىغا تەن بېرىشكە مەجبۇر بولغان. غالىبنىڭ پارالىچ بولۇپ قالغان ئانىسى مەريەمخان يولدىشىغا «غالىب ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ» دەيدۇ. ئەمما غالىپنىڭ دادىسى «باشقىلار غالىبتەك بىر بىگۇناھ بالىنى بىكارغىلا ئۆلتۈرۈۋېتەمدۇ؟» دەپ بۇنىڭدىن دەرگۇمان بولىدۇ. ئەمما ئۇلار شۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرىدەك ئوغۇللىرى ياكى قىزلىرى غايىب بولۇپ كەتكەن مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلايدۇ.

ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ دەردىدە سەۋدايى بولغىلى ئازلا قالغان غالىپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاخىرى ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارىدۇ. ساقچى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، سوت ياكى نەشرىيات دېگەنلەر بۇ ھەقتە ھېچنەرسە دەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ جەرياندا ھېچكىمنىڭ ئوغلىنى كۆرمىگەنلىكىنى شۇنىڭدەك ئوغلىنىڭ غايىب بولغىنىدىن ھېچكىمنىڭمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلمىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنداق غايىب بولۇپ كەتكەن ياشلارنىڭ سانى بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

ئايلاردىن كېيىن ئايلار، پەسىللەردىن كېيىن پەسىللەر ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىلىرى مەريەمخاننىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئۇلار پۈتۈن ئۆينى تىنتىپ چىققاندىن كېيىن، غالىپنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بىرەركىمنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر بىرەر ئەھۋالنى يوشۇرسا پۈتكۈل ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۈرمىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ئوغلىنىڭ شىخو تۈرمىسىدە قاماقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالىدۇ. خەتتە غالىپنىڭ «يالغان خەۋەر تارقىتىش ھەمدە تور بەتتە بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى يازمىلارنى ئېلان قىلىش» جىنايىتى ئۈچۈن 13 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

بىز ئاپتور بىلەن سۆھبەت جەريانىدا ئۇنىڭدىن غالىپ ئوبرازىنى قانداق ياراتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› دا ئاڭلىتىلغان نىياز قاھار ھەققىدىكى چاتما خەۋەرلەردىن ئالغانلىقىنى، غالىپ ئىسىملىك بۇ پېرسوناژنىڭ ھەقىقىي ئىسمى نىياز قاھار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىنىڭ چوڭ ياردىمى بولغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن نىياز ھەققىدىكى بەزى مەلۇماتلارنى كۆرگەن ئىدىم. ھېكايىدىكى باش قەھرىماننىڭ بېرلىندىكى دوستلىرىدىن بىرەيلەننىمۇ تونۇيتتىم. نىيازنى بىلىدىغان بۇ كىشى بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نىيازنى بەش قولدەك بىلىدىكەن، نىيازمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولماقچى، شۇ ئارقىلىق قالغان ھاياتىنى تىرىكچىلىك بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇ كېيىنچە تېلېۋىزوردا ئالتە ياش بالىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نىيازنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپتۇ. بولغان ئىش ئەنە شۇ. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى، ئەمما ئۇ بۇ ھەقتە بىر پارچە خەۋەر ئىشلىدى. قانداق بولدى، ئىشقىلىپ شۇ ۋاقىتلاردا نىيازنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بېرلىندا ئىدى. ئەمما مەن ئۇنىڭ قاچان بېرلىنغا كەلگەنلىكى ياكى باشقا تەپسىلاتلىرىدىن خەۋىرىم يوق. ئىشقىلىپ، ئۇ بۇنى خالىمىدى. ئۇ بۇ يەردىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر يىللىق زىيارەتچى لېكتور بولۇشقا ئىجازەت ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇ (خىتايغا) قايتىپ كېتىشنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى كەلگەندىن كېيىن ئۇ ياۋروپادا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان نىيازنىڭ ئاشۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولۇشى ئۇ كىشىنىڭ خىتايغا قايتىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆز بالىلىرىنىڭ ياش بالىلارغا كىشىنىڭ يادىغا كەلمەيدىغان كېلىشمەسلىكلەر كېلىپ تۇرىدىغان ئاشۇنداق بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ چوڭ بولۇشىنى خالىمايتتى. نېمىشقا دېسىڭىز، ئۇ تېلېۋىزوردا كۆرگەن ياش بالىلار سوتلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەرۋەقە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ جايدا ياشىغاندىن ياۋروپادا تۇرۇپ قېلىشنى ئەۋزەل كۆرگەن ئىدى. مېنىڭچە، ئاشۇ ئوقۇتقۇچىمۇ ھازىر بۇنى تونۇپ يەتتىمىكىن، دەيمەن.»

خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېيتالمايۋاتقان ھېكايىلىرىنى ئەركىن دۇنيادىكىلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن «غالىپ» ئوبرازىنى ياراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتور مەزكۇر ئوبرازنىڭ بۇ جەھەتتە ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ رولى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(داۋامى بار)