دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەييارلىقى باشلاندى

0:00 / 0:00

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، خەلقئارادا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان بىر زور ۋەقە.

ھەر يىلى 5-ئىيۇل ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە، بۇ ئۇنتۇلماس ۋەقە ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا مەتبۇئاتنىڭ قايتىدىن دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇشنى بىر ۋىجدانىي بۇرچ، مىللىي ۋەزىپە سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 12-ئىيۇن كۈنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى» نى ئېلان قىلىشى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىلەش پائالىيەت تەييارلىقلىرى باشلاندى.

بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە، مۇخبىرىمىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.