غايىب نىجات قۇرباننىڭ دادىسى: دەرد بېلىمنى مۈكچەيتتى، شۇنداقتىمۇ خەۋپ-خەتەرلەرگە رازىمەن

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئىككى كۈن قالدى، خىتاي دائىرىلىرى شۇنچە كۆپ سەمىمىي تەكلىپلەر، شۇنچە كۈپ ئاچچىق تەنقىدلەر ۋە شۇنچە كۆپ يىغلاش-يالۋۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماستىن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئېچىنىشلىق نەتىجىلىرىدىن بىرى بولغان غايىبلار مەسىلىسى ھەققىدىكى سۈكۈتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پەرزەنتلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن قانچىلىغان ئانىلار بالا دەردىدە كېسەللىنىپ دۇنيادىن كۆزى ئوچۇق كەتتى، قانچىلىغان قېرىنداشلار مال-دۇنيالىرىدىن ئايرىلدى، تاغدەك-تاغدەك ئاتىلارنىڭ بەللىرى مۈكچەيدى. مانا بۇلاردىن بىرى ئاتۇش ئىشتاچىلىق قۇربانئاخۇن ئاكا. ئۇ 22 ياشلىق ئوغلى نىجات غايىب بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان؛ يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە 3 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان. يىلىغا يۈز نەچچە مىڭ يۈەنلىك دورا-ئوكۇل بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتقان قۇربانئاخۇن ئاكا 9 بالىنىڭ ئاتىسى؛ ئۇ مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتى داۋامىدا، ئۆزىنىڭ دەرتتىن بېلى مۈكچەيگەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ بېشىغا نېمە ئاۋارىچىلىك كەلسە -كەلسۇن، بالىسىنى ئىزدەشتىن توختىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.