«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون، سان فرانسىسكودا نامايىش

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر ۋە جۈمە
2014.07.03
5-iyul-amerika-namayish-305.png ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Irade

2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار  نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن 5-ئىيۇلدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابى بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.

نامايىشقا ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى شتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

بۇ خىلدىكى نامايىش يەنە كالىفورنىيەنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.  بۇ نامايىشمۇ مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم مەزكۇر نامايىشنىڭ 5-ئىيۇل قۇربانلىرىنى ئەسلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.