رامىزان ئېيى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 7-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چورۇم ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئەخمەت خەتتاب ئىمال ئەپەندى ۋە قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. بۇلاردىن باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلار تارقىتىلدى.
www.corumhakimiyet.net ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۆشۈكى ۋە ئاتىلىرىمىزنىڭ زېمىنىدۇر. بۇ زېمىن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەزگىلىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلار ياشىغان زېمىندۇر. بۇ زېمىن مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر ناۋايىغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئالىملار يېتىشكەن مۇنبەت زېمىندۇر. ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دۇچار بولماقتا.»
باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىش، دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى كۈنسايىن ئېشىۋېتىپتۇ. بىز ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ -قۇۋەتلەشنى داۋام قىلىمىز. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەيمىز.»
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 7-يىللىقى ۋە روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىلات مەركىزىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، بايانات مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ، ئاخبارات باياناتىنى تۈركىيەدىكى پۈتۈن ئاخبارات ئورگانلىرىغىمۇ ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەتە گېزىتلەردە ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈرك سىياسەتچىلەر، ئاكادېمىكلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيگەن ئىدى. بۇ يىل بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغاندىن سىرت كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، ئالدى بىلەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەسىلە بارلىقىنى، خىتاي بېسىمى بارلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، 2014-يىلى 11-ئايدا بىر خىتاي ھەيئىتى تۈركىيەگە زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ يىل ھەر ساھەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزغىنلىقنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.