توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 5-ئىيۇلنى خاتىرىلەش نامايىشى بولدى

0:00 / 0:00

3-ئىيۇل ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر ئاڭلاۋاتقىنىڭلار توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىش بولۇپ، نامايىش تەشكىللىگۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نامايىش ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيەلىك ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى قوللىغۇچى تاكاشى ساتو نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «بۈگۈن گەرچە نامايىشقا قاتناشقان ئەزالىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك بولسىمۇ، بىراق ھەممىمىز بىردەك جۇشقۇن روھىمىز بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئەسلەش، تۈرمىلەرگە ناھەق قامالغانلارنى قويۇپ بېرىشكە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەپ نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېدى.

نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان داتە خانىم يەتتە يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئەسلەش مەقسىتىدە توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ: «يەتتە يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھەق‏-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا نامايىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى قايغۇ ئىچىدە ئەسلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نەپرىتىمىزنى بىلدۈرۈۋاتىمىز» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش جەريانىدا يەنە 5-ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۆت تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر باياناتنامىمۇ ئېلان قىلىنغان.

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلاردىن بىرى بولغان تاكىدى ئەپەندى بۈگۈنكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئۆزىنىڭ قاتنىشىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن ئوخشاش بىر مىللەتتىن بولغان تەيۋەنلىكلەرمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ خىل سىياسىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 5-ئىيۇل ۋەقەسى بولسا خىتايدىن تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان ئەركىنلىك نامايىشىدۇر. مەن شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتىدە نامايىشقا قاتناشتىم.»

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى نامايىشتىن كېيىن ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن سائەت بەشكە قەدەر بىر سائەت داۋام قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.