مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى كانادانىڭ تورونتو، ئەدمونتون، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئايرىم-ئايرىم نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىش ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە قاتناشقۇچىلىرىدىن «كانادا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ۋەكىلى ھاجى مامۇت ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ۋە ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۆمەرجان بۆرە ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە شۇنداقلا نامايىشچىلار توپى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قويغان تەلەپلەر ئۈستىدە توختالدى.
نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 5 كېچە داۋام قىلدى.