«ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00

2014-يىلى 6-ئىيۇل، يەكشەنبە كۈنى، «ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نىڭ 5-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

بۇ نامايىش شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ نامايىشقا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا، چوڭ ھەجىملىك خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا-تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار بىردەك، «مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت» دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار شوئارلارنى توۋلاپ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى.

نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا قۇرۇلغان توسۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندى ۋە رىشاتكىلارنى يىقىتىپ ساقچىلار بىلەن ئىتتىرىشىپ كەتتى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىرىش ۋە سۈركۈلۈش بىردەم داۋام قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ياش ئاققۇزىدىغان گاز چېچىش بىلەن ئاگاھلاندۇردى ۋە رامزان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئار توۋلاشنى داۋام قىلدى. نامايىشقا كۆپ ساندا رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى كەلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار بىرئاز پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەرىپىدىن، تەييارلانغان بايانات ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە مۇنداق دېدى: تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەن نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇردىن، ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە خەۋەر بولمىدى. ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، بەلكى تېخىمۇ ئاشتى ۋە قاتتىق قول كۈچ قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ قورقۇنچ ۋە تېخىمۇ ۋەھىمىيىلىك بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى، كىيىم-كېچەك كىيىش، دىنى تەلىم-تەربىيە ئېلىش دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردە قاتتىق قۇللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى بولغان خانىم-قىزلارغا تىل ۋە قول ئۇزاتماقتا، كىيىم-كىيىش، ئىسلامى ئەقىدە ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ياشاشقا چەكلىمە قويماقتا.

ھىدايەتۇللا ھ ئوغۇزخان سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى بۇ مۇبارەك رامزان ئېيى ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق مۇھىت ئىچىدە بەھر ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ مۇقەددەس ئاينى ۋەھشىيلىك، ئىسكەنجە ۋە زۇلۇم بىلەن تولغان بىر مەنزىرە ئىچىدە، قىيىنچىلىق كۈنلەر ئىچىدە قارشى ئالدى. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىلقى رامزان ئۆتكەن يىلدىكىدىنمۇ قاتتىق، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىجرائاتلار بىلەن ئۆتۈۋاتىدۇ، تاراۋىھ نامىزى ئوقۇش، توپلىشىپ ئىپتارلىشىش قاتارلىق روزا ئىبادىتىنى چەكلەش ئىجرائاتى يۈرگۈزمەكتە.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق 5 كىشىگە خىتاي كونسۇلخانىسى دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويۇشقا رۇخسەت قىلىندى. تۈركىيەدە قارا چەمبىرەك قويۇش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيىبلەپ قويۇلىدۇ.
كېيىن نامايىشچىلار خىتاينىڭ بايرىقىغا ئوت يېقىپ كۆيدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش تۈركىيەنىڭ پۈتۈن رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ئاخباراتلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.