‏شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

7-ئاينىڭ 5-كۈنى شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولىم شەھىرىدە شەرقىي 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك جەمئىيەتلىرىدىن تەقۋا جەمئىيىتى، ئەزەربەيجان فىدراتسىيۇنى، تۈركمەنىستان فېدراتسىيۇنى، تۈركىيەنىڭ تاشقى ئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ شۋېتسىيە ۋەكىلى، شۋېتسىيەدىكى يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت نامزاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە باشقا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ستوكھولىم ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

نامايىشتا ئالدى بىلەن نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نامىدىن نارازىلىق باياناتىنى ئوقۇدى.

تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان شۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت نامزاتى دەريا ئۆزەل خانىم، سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاينى تەنقىد قىلدى.

نامايىش شۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 دا شۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا باشلىنىپ بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقاندىن كېيىن، شۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغىچە بولغان 4 كىلومېتىر يولنى پىيادە ماڭدى.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا بارغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، كۆپچىلىكنى بۈگۈنكى قانلىق يەكشەنبە كۈننى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

نامايىش ئىنتايىن يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى، نامايىش قاتناشقۇچىلار شوئار توۋلاپ ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش يىگىت بىلەن بىر خانىم نامايىش تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نامايىش ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەت بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

نامايىش تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ قىلغان دۇئاسى بىلەن نامايىش ئاخىرلاشتى.