7-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان قاتارلىق كىشىلەر سۆزلىدى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان نۇرىيە سارىباي خانىم يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 9-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان› مۇھاكىمە يىغىنىغا خۇش كەلدىڭلار».
مەزكۇر يىغىنغا سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئىستانبۇل، كونيا، كاستامونۇ ۋىلايىتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بولغان بىر ۋەقەنى ئەسلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. بۇنىڭدەك ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى 130 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتىدۇ. 134 يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە قان تۆكۈلگەن، شېھىتلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ زېمىن ھازىر خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. ھەر دەۋردە رەھبەرلەر چىقىپ خىتاينىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، قۇتۇلالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئۈرۈمچى ۋەقەسىمۇ مانا مۇشۇ كۈرەشنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى يىغىنىمىزدا بۇندىن 9 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى مۇتەخەسسىسلەر ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ ئۆتمەكچى».
ئارقىدىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتقىدا، بۈگۈنكى يىغىندا 4 مۇتەخەسسىسنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدىغان مۇھىم بىر يىغىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»دىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە، ھەق-ھوقۇققا ئېرىشىشى جەھەتتىن ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپ ساندا دوكلات تەييارلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بەردۇق، بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىز ھەممىگە مەلۇم، ئەپسۇسكى ھۆكۈمەتلەر تۈزۈك ئىنكاس قايتۇرمىدى. شۇڭا مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.»
ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور ئورخان قاۋۇنجۇ رىياسەتچىلىك قىلغان مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى تەسىرى» تېمىسىدا، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبلىرى» تېمىسىدا، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى قونۇرالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخنى بۇرمىلاش سىياسىتى توغرىسىدا»، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بولسا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدا سۆزلىدى.
مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتلىرىدا، 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە تاياق يەپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغانلىقىنى، ئەمما نامايىش ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار دوكلاتلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قولىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا تايىنىپ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى، ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە قاراتقان باستۇرۇش، تازىلاش ھەرىكىتىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى سىراجىدىن ئابدۇلكېرىم ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى يىغىندا يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى سۇبىنۇر يىغىننىڭ ياشلارنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
7-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى 4 سائەت داۋاملاشتى. يىغىنغا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى.
0:00 / 0:00