3-ئىيۇل كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇم» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشقان بۇ مۇراسىمنى ئاچقان ئالماتا شەھىرى زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ يۇرت ئاكتىپى كامال تۇردىيېف مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقىمۇ قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى، شۇلاردىن قازاقلارنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىندا دۇنيا قازاقلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ھەم ئۇ يەردە مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ قارالغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىنىي زات مۇھەممەتجان ھاجىم ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىدە قۇربان بولغانلارغا ھەمدە ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلارغا بېغىشلاپ قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ قازاقىستان بويىچە ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف ئۈرۈمچى ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نارازىلىق نامايىشىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ئاقىۋەتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە دوكلات قىلدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھەم قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېننىڭ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىغا توختالدى. سىياسەتشۇناس شۇنداقلا دولقۇن ئەيسا ھەم پىتېر ئىرۋېننىڭ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تايلاند، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن مەلۇماتلار بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆزىنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئويلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ 26-ئىيۇندا شاۋگۈئەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەت داغدۇران بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يېرىم مىليارد خىتاي ئىچىدە ئۆز دىنىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىدىن چوڭ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى قۇدەت ئىساق بۈگۈنكى مۇراسىمدىن كۆپ تەسىرلەنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئالغان يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «5-ئىيۇل ۋەقەسى تارىختا ئۇنتۇلمايدىغان ئىش. بۇنىڭ ھەممىسى بىزگە چۈشىنىشلىك. خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بولۇۋاتىدۇ. چېگرالار يېپىلىپ كەتتى. ھەممىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى بار. 5-ئىيۇل ۋەقەسى، بارىن، غۇلجا ۋەقەسى ھەممىسى دۆلەتنىڭ سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان. خەلقنىڭ ھاياتىغا، مەدەنىيىتىگە، ئۆرپ-ئادىتىگە قىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا قارشى چىقماي، ئامالى يوق».
ئۇ ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداشقا ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا، ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن ياشلارنى ئوقۇتۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيەسى گۈلدالا يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى شاۋكەت قاھاروفنىڭ پىكرىچە، مەيلى قانداقلا خەلق بولمىسۇن، شۇ جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارغىمۇ ھايات كەچۈرۈش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنى تارتىۋېلىشقا ھېچ كىمنىڭ ھەققى يوقتۇر. ئۇ بولۇپمۇ بۇ ھوقۇقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە دەپسەندە بولۇش، بىزنى ئىنسان ئورنىدا كۆرمەسلىك ھېچ قانداق بىر قانۇنغا سىغمايدىغان ئىش. دۇنيانىڭ يىپى ئۇزۇن، بۈگۈن بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بارلىقىمىز بۇ سەيارىدە ئىنسانىي قانۇنىمىز بىلەن، بىر-بىرىمىزگە ھۆرمىتىمىز بىلەن ياشىشىمىز كېرەك».
ش. قاھاروف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ھەم ئۇنىڭدا مەزمۇنلۇق دوكلاتلار قىلغان، نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ھەم بۇنىڭ بارلىقىنى يۇرتداشلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00