3-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن رايونىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2009-يىل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قاتناشقان مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستان بويىچە ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى.
ر. ئابدۇلباقىيېف ئۆز سۆزىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ نامايىشقا چىقىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھىمايە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نامايىشنىڭ قوراللىق ھەربىي، ساقچى قىسىملىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلغانلىقىنى، نەتىجىدە كۆپلىگەن تىنچ ئاھالىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقىنى، ئىزسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەتمە قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، سۆز ئالغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى، نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇلار قاتارىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم زىيالىي تۇرسۇن ئىسلام 2009-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدىن قايتىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى ئاڭلىغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «ئىيۇلدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇدىرى دولقۇن قەمبىرى ‹ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى تەييارلاش كۇرسىغا قاتنىشىڭ› دېدى. دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا بىر بالا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ‹ئۈرۈمچىدە قانلىق ۋەقە بولۇۋاتىدۇ، شۇنى ئىنتېرنېتتىن كۆرۈۋېلىڭلار› دېدى. بىز ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا نەچچە مىڭ ياشلار قولىدا ئۇيغۇر بايرىقى ئەمەس، خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تىنچ نامايىشقا چىقىپ، ھۆكۈمەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئېيتىشقا توغرا كەلدى. ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇرغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ھۆججەتلىك ئاساستا كۆردۇق.»
ت. ئىسلام كېيىنكى مەلۇماتلار ۋە بولۇپمۇ گۇۋاھچىلارنىڭ كۆرسەتكەن پاكىتلىرىدىن يەنە كۆپ نەرسىلەرنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ساقچىلارنىڭ پۇقراچە كىيىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە ماتېرىياللارنى يىغىپ، ‹خىتاي دۇنياغا خەۋپ تۇغدۇرماقتا› دېگەن كىتاب يازدىم. يىغىندا شۇلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ، قوشۇمچە قىلدىم. ئاندىن كېيىن سوئاللار، پىكىرلەر، تەكلىپلەر بولدى. كۆپ ئادەملەر ناھايىتى ئاكتىپ بولدى. ئادەم كۆپ بولمىسىمۇ، ناھايىتى داغدۇغىلىق، ياخشى ئۆتتى.»
يىغىندا سۆزگە چىققان غەيرەت جاھانوف، رەپقەت يۈسۈپوف، مىرزەكىم ئابدۇلوف، ئابدۇرېشىت نادىروف ۋە باشقىلار ئۆز سۆزلىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلىدىغان كۆپلىگەن پاكىتلارنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇرەھىم ھاپىزوف دۇنيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بىشكەكتە ئۆتكەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا شەھەردىن تاشقىرى، قارابالتا، توقماق، نوۋوپوكروفكا، لېبېدىنوۋكا قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلاردىنمۇ ۋەكىللەر كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «يىگىت باشلىرى، ئاقساقاللار، ۋەكىللەر كۆپ سوئاللارنى بەردى. بۇ سوئاللارغا ئا. ھاجىيېف، ر. ئابدۇلباقىيېف ۋە ئە. باۋدۇنوف ياخشى جاۋاب بەردى. شۇنداقلا ئالدىمىزدا بولىدىغان قۇرۇلتاي توغرىلىقمۇ سۆز بولدى.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىن ناھايىتى ياخشى كەيپىياتتا ئۆتتى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى مۇشۇ يىغىن ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.»
يىغىن ئاخىرىدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقۇچىلارغا جەمئىيەت نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.