1-ئىيۇل كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
د ئۇ ق ئۆز تور بەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 6-ئاينىڭ 21-كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خىتايغا قارشى نامايىش قىلىش، خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى، ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيانقى خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرى توغرۇلۇق مەخسۇس خەت يوللاش، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيانقى ۋەزىيەتنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاخىرقى بىر يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى پاش قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1-ئىيۇل كۈنى پايتەخت بىريۇسسېلدىكى شەھەرنىڭ مەركىزى مەيدانىغا جەم بولۇپ نامايىش ئېلىپ بارغان. بېلگىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن گۈلنىسا خانىم بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، نامايىشنىڭ ناھايىتى ھاياجانلىق ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ئىمەروۋ ئەپەندىمۇ 1-ئىيۇلدىكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، بۇ نامايىش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىبراھىم ئىسمائىل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلدى. يېقىندا ۋەتەندىن چىقىپ بېلگىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئەلى ھاجىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىدىكى مەقسىتىنى تىلغا ئالدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىش ۋە ئۇنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇش ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان، ئۇيغۇرلار مەسىلىنى بىر مەزگىل خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغان، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سانى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تولۇق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.
0:00 / 0:00