بوكسچى قانات ئىسلامنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن قازاقلار تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.09.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
kanat-islam.jpg قازاق بوكسچى قانات ئىسلام.
Social Media

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر تۈركۈم قازاق ياشلىرى 2011-يىلى خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن قازاق بوكسچى قانات ئىسلامنىڭ مۇسابىقىسىنى توردا كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سولاپ قويۇلغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا «بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ۋاسىتە تاللىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئورگانلىرى 10-سېنتەبىر كۈنى 50 تىن ئارتۇق قازاقنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇلار ئەسلىدە قازاق بوكس ماھىرى قانات ئىسلامنىڭ مۇسابىقىسىنى ئۈندىدار ئېپى ئارقىلىق كۆرگەنلەر ئىكەن. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ مۇسابىقىنى ئۈندىدارغا ئەۋەتىلگەن ۋىدىيولار ئارقىلىق كۆرگەنلەر ياكى بۇ ۋىدىيونى باشقىلار تەرىپىدىن تاپشۇرۇۋالغانلار ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، قازاق بوكسچى قانات ئىسلام ئەسلىدە ئالتاينىڭ قابا ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە خىتاي ئۈچۈن بىر مىس مېدال قازانغان ئىكەن. بىراق ئۇ، 2011-يىلى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەيدىغان سۆزلەرنى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئالتايدىكى قازاقلار ئۆزىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ، 9-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقە ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىققان قازاقلار ئۇنى ئۈندىدار ئېپى ئارقىلىق كۆرگەن ھەمدە مۇسابىقىگە ئائىت سۈرەت ۋە ۋىدىيولارنى ئۆز-ئارا ھەمبەھىرلەشكەن. ئەمما ئۇلار ئەتىسىلا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان. قابا ناھىيىسىدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەنلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، قانات ئىسلامنىڭ يۇرتى بولغان قابا ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىنلا ئەڭ ئاز دېگەندە 5 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ھېچكىمنىڭ قانات توغرۇلۇق سۆزلىشىشىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىنى خالىمايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «قابا ساقچىلىرى ھېچكىمنىڭ قانات توغرۇلۇق سۆزلەتكۈزمەيدۇ. ھېچكىمنىڭ ئۇنى ماختىشىغا ياكى ئۇنىڭ مۇسابىقىلىرى توغرۇلۇق سۆزلىشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شىنجاڭدىكى قازاقلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سىزمۇ بىلىسىزغۇ!» 

يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا دىنىي ۋە مىللىي بېسىم، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىگە ئېلىنىش قاتارلىق بېسىملارغا ئۇچراش ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئىلگىرى قازاقىستانغا ئەركىن-ئازادە بېرىپ-كېلىۋاتقان قازاقلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا چەكلىمىگە ئۇچراشقا باشلىغانلىقى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھادىسىلەرنىڭ بىرى. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلاردا، قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسىنى ئېلىپ ئۇيغۇر ئىلىغا قايتىپ كەلگەن قازاقلارنىڭ پاسپورت ۋە يېشىل كارتىسى يىغىۋېلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. 

ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى قارابۇغرا يېزىسىدىن قازاقىستانغا ئوقۇشقا چىققان تالقار قاساي بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتقاندا دائىرىلەر ئۇنىڭ پاسپورت ۋە قول تېلېفونىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ شۇ پېتى غايىب بولۇپ كەتكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ ھازىر يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ پاسپورتىمۇ تارتىۋېلىنغان. ئۇ قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە ۋە سانائەت كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى.» 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 11-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، رايوندىكى قازاق قاتارلىق باشقا يەرلىك خەلقلەرگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنى مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى بولغان بارلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتى يەنىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيگەن ئىدى. بۇنىڭ ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن دىنداش ۋە قېرىنداش بولغان قازاق مىللىتىگىمۇ كېڭىيىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نامەلۇم. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاستە تاللىمايۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.