د ئۇ ق نىڭ «5000 كىشىلىك نامايىش» چاقىرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 27-ئاپرېل كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈش قارار قىلىنغان «5000 كىشىلىك نامايىش» قا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى ئىنتايىن ئاز تەشكىللىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى خيۇستون شەھىرى، كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋا، كالگارىي، ئېدمونتون شەھەرلىرى، ھەتتا رۇسىيەنىڭ يېكاتېرىنابۇرگ شەھىرى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان نامايىش مەيدانلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا بولسۇن.

27-ئاپرېل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئېلىپ باردى.

ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى نىسبەتەن ئاز يۈز بېرىدىغان ۋە خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئۈچۈن نىسبەتەن خاتىرجەم شەھەرلەر دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان كانادا پايتەختى ئوتتاۋا، كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ ئېدمونتون، كالگارىي قاتارلىق شەھەرلىرى، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى خيۇستون قاتارلىق شەھەرلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نامايىش مەيدانىغا توپلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۆزلىرىنىڭ شۇ تاپتىكى ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

كانادا پايتەختى ئوتتاۋا شەھىرىدىكى نارازىلىق نامايىشى، شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل ئەتىگە سائەت 10 دا باشلاندى. نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئەركىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا تەخمىنەن 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كانادانىڭ ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان تورونتو ۋە مونترېئال شەھەرلىرىدىن 200 كىلومېتىردىن 500 كىلومېتىرغىچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ، ئائىلىسى بىلەن كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان.

كانادا پايتەختى ئوتتاۋا شەھىرىدىكى نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن جامائەت ئەربابى ئىبراھىم داموللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ كېلىپ، پايتەخت ئوتتاۋا شەھىرىگە توپلىنىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە ئۇيغۇر دىيارىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىش ئىستىكى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى كالگارىي شەھىرى ۋە ئېدمونتون شەھىرىدە ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كالگارىي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر ئەتراپىدا، ئېدمونتون شەھىرىدىكى نارازىلىق نامايىشى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا باشلانغان.

كالگارىي شەھىرىدىكى نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن غەيرەت ئەپەندى ۋە ئېدمونتون شەھىرىدىكى نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن مۇكەررەم خانىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

غەيرەت ئەپەندى بايانىدا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەزكۇر ئۆلكىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى 2-قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇكەررەم خانىم بولسا نۆۋەتتە بۇ ئۆلكىدىكى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە ھېچقاچان قاتناشمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بالدۇرراق ئازادلىققا ئېرىشىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش ئۈچۈن بۇ خىل نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 27-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 11 دە مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

خيۇستون شەھىرىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەمەت ئاۋۇت ئەپەندى ۋە ئۈمىت ئۇيغۇر ئەپەندىلەر بۇ قېتىم خيۇستون شەھىرىدىكى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردۇر.

سەمەت ئەپەندى بۇ قېتىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر شەھەردە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقانلار سانى نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، ئەمما نامايىشنىڭ تەسىرى ۋە ئېرىشكەن ئۈنۈمىنىڭ ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىن كۆپ ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئۈمىت ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئاساسەن ئېلىپ بېرىلمايدىغان شەھەر، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان خيۇستوندا بۇ خىل نارازىلىق نامايىشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى خيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرىنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان.

خيۇستوندىكى نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان گۈليار خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ غۇلجىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى ئۇنى نامايىش مەيدانىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنغان خيۇستون شەھىرىدە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلمىغان.

27-ئاپرېل كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ۋاتسئاپ، فەيسبوك قاتارلىقلاردا يەنە رۇسىيەنىڭ مەلۇم يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر كىشىلىك نامايىش ھەققىدىمۇ سۈرەتلىك ئۇچۇر تارقالدى. بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى بولۇپ باقمىغان رۇسىيەدەك بىر دۆلەتتە بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، بوينىغا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى چاپلانغان تاختىنى ئېسىپ تۇرغان ھالىتى ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەندى.

ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا بۇ كىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى يېكاتېرىنابۇرگ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق دىلمۇرات يالقۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى مەرھۇم دولقۇن ياسىننىڭ تۇغقىنى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلمۇرات ئەپەندى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن رۇسىيەدەك ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى بىرەر نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى يۈز بەرمىگەن دۆلەتتە يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىشىدىكى سەۋەبنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «مەن يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلسام، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىمنى ئىپادىلىسەم نېمە ئۈچۈن بولمايدىكەن؟ چۈنكى مەن قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولساممۇ ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلارچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز جازالاش لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئېغىر ئازاب تارتىۋاتىدۇ، مەن پەقەت بىر ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇمنىلا ئادا قىلدىم!» دېدى.

دىلمۇرات ئەپەندى يەنە بۇ قېتىم مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنى توپلاپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتى بولغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىش رۇخسىتىنى بىر ئاي ئىلگىرى ئېلىش كېرەك بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلغانلىقىنى ئىزاھلاپ، بۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ، بۇ خىل نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى يەنە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە رۇسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 5000 دىن ئارتۇق ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى موسكۋا، سانكىتپېتېربۇرگ شەھەرلىرى ۋە باشقا شەھەرلەردە تاراق ياشايدىكەن. رۇسىيە-خىتاي يېقىن ھەمكارلىقى تۈپەيلىدىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن چوڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈشى قىيىنراق ئىكەن.