5000 كىشىلىك نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.04.30
5000-kishilik-namayish-1.jpg

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 27-ئاپرېل. بىريۇسسېل، بېلگىيە. RFA/Ekrem

5000-kishilik-namayish-2.jpg

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 27-ئاپرېل. بىريۇسسېل، بېلگىيە. RFA/Ekrem

5000-kishilik-namayish-3.jpg

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 27-ئاپرېل. بىريۇسسېل، بېلگىيە. RFA/Ekrem

5000-kishilik-namayish-4.jpg

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 27-ئاپرېل. بىريۇسسېل، بېلگىيە. RFA/Ekrem

5000-kishilik-namayish-5.jpg

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 27-ئاپرېل. بىريۇسسېل، بېلگىيە. RFA/Ekrem

5000-kishilik-namayish-6.jpg

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 27-ئاپرېل. بىريۇسسېل، بېلگىيە. RFA/Ekrem

27-ئاپرېل بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 27-ئاپرېل بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن 20 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار نامايىش ئەسناسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىشتى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى مەزكۇر نامايىش توغرىسىدا توختالغاندا «بۇ نامايىش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇجادىلە تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر نامايىش بولدى،» دېدى.

كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان ماھىرە غوپۇر خانىم، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىشىدىكى مەقسىتىنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن،» دەپ ئىزاھلىدى. شىۋېتسىيەدىن كەلگەن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشتىم،» دېدى. بېلگىيەدىن بۇ نامايىشقا قاتناشقان گۈلنىسا خانىم بولسا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ياۋروپا بىرلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشتىم،» دېدى.

بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە بېلچىكچە تىللاردا «جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليون ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلسۇن!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!» دېگەندەك ھەر خىل شوئارلارنى توۋلاپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىزمەت بىناسى ئەتراپىدىكى كوچىلارنى لەرزىگە سالدى.

گوللاندىيەدىن كەلگەن ئابدۇغېنى ئەپەندى خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى غەزەپلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. شىۋېتسارىيەدىن كەلگەن كەرىم ئەپەندى بولسا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشتىم،» دېدى.

نامايىش «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلانغان بولۇپ، بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى ئالدىدا «ئىستىقلال مارشى» ياڭرىغاندا، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۈتىۋالالماي كۆز ياشلىرىنى تۆككەنلىكىگە كۆپلىگەن كىشىلەر گۇۋاھچى بولدى.

بىريۇسسېل شەھىرىدە 27-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقتىن سىرت يەنە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنىمۇ كۆتۈرۈپ كوچا ئايلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى نامايىشتىن خەۋەر تاپقانلىقلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شوئار سادالىرىنى ئۆز ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپمۇ ئاڭلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.