رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر قولىدا بۆشۈك، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن
2013.04.20
rabiye-qadir-paris-parij-parizh-uyghur-xanim-qizlar-terbiylesh-305.png فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان 6- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Gulshen

فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان 6- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى 20- ئاپرېل رەسمىي باشلاندى.

يىغىنغا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قاتناشتى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي دەۋادىكى ئورنىغا يۈكسەك باھا بەردى ۋە بۇنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم 16‏-ئاپرېل فرانسىيىگە يېتىپ بارغان. ئۇ ، 18‏-ئاپرېل فرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرغان فرانسىيە پرېزىدېنتىنى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىغان ئىدى.

يىغىن جەمئىي 4 كۈن داۋام قىلىدۇ.

يىغىنىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.