قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىيەدىكى سابىق پروفېسسورى ئابدۇكېرىم پالتو لاگېرغا قامالغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.02.26
Abdukerem-palto-1.jpg قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىيەدىكى سابىق پروفېسسورى ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Oqurmen teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن جازالاۋاتقان بىر پەيتتە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن زىيالىيلارنىڭ پەقەت ۋەزىپە ئۈستىدىكى پروفېسسور ۋە مۇدىرلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى ھەتتا پېنسىيەگە چىقىپ بولغىنىغا خېلى يىللار بولغان پېشقەدەم پروفېسسورلارنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېڭى ئالغان ئۇچۇرىمىزغا قارىغاندا، ھازىرقى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەينى چاغدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن پېنسىيەگە چىققان، پروفېسسور ئابدۇكېرىم پالتۇ ئەپەندىنىڭمۇ، بۇلتۇر سېنتەبىردە ئېغىر كېسەل ھالەتتە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

سەيشەنبە كۈنى رادىئومىز بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، سابىق قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ، يەنى ھازىرقى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن پېنسىيەگە چىققان ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندى 2018-يىلى 9-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ھازىرغىچە خەۋىرى بولمىغان.

ئۆزىنى ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندى ئائىلىسىنىڭ تۇغقىنى دەپ ئىسپات بەرگەن بۇ قىزنىڭ ئالغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مەكتەپتە «شىنجاڭ تارىخى» ۋە «دۇنيا تارىخى»، «جۇڭگو تارىخى» دەرسلىرىنى بەرگەن ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندىنىڭ تۇتۇلۇشىغا دائىرىلەر ئۇنىڭ بىر قانچە يىل ئىلگىرى تۈركىيەگە كېلىپ قىزىنى يوقلاپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەپسۇس 76 ياشتىكى ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندى تۇتۇپ كېتىلىش ئالدىدا، ئۆت سۈيى يېرىلىپ جىگەرنى قاپلىغانلىقى سەۋەبلىك چوڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، جىددىي قۇتقۇزۇلغان. تەن سالامەتلىكى تېخى ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپلا لاگېرغا قامالغان ئابدۇكېرىم ئەپەندى ئاز كۈندىن كېيىن لاگېردا قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك قايتىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. بۇ ئۇچۇرلار ساقچىلارنىڭ ئابدۇكېرىم ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ ئېغىر كېسەل بىلەن ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە بارلىق داۋالاش چىقىمىنى ئائىلىسىنىڭ كۆتۈرۈشى شەرتلىكىنى ئۇقتۇرۇشى بىلەن مەلۇم بولغان ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى، مەكتەپ سىياسىي باشقارمىسى، مەكتەپ ئامانلىق قوغداش بۆلۈملىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئىسلامىي كىملىكىنى بىر قەدەر كۈچلۈك ساقلاپ قالغان قەشقەردە، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپ تەربىيەسى، دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىگە چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بولسا بۇنىڭدا قاتتىق تۈزەش نىشانى بولۇۋاتقانلىقى، بۇلتۇر يىل ئاخىرى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىدىغان «كۈنتىيەن ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يەنە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر پروفېسسورنىڭ›ئىككى يۈزلىمىچىلىك‹قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، تەقىبلەشكە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلار مەلۇم بولغان ئىدى.

بۇلاردىن باشقا ھەتتا مۇشۇ مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پروفېسسور، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى»، «ئەرەب تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش» قاتارلىق كىتابلارنىڭ تۈزگۈچىسى، «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئوغلى، دوكتور ئاسپىرانت تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەكتەپ قورۇسىدا دادىسى بىلەن سەپداش دوستلاردىن بولغان ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندىنىڭ ئالدىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ئۆزىمۇ ئىلگىرى ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندىدىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندىنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرىلا ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق ئىكەن. ئۇ: «دائىرىلەرنىڭ ياشانغان، تېنى ئاجىزلاشقان ئابدۇكېرىم ئەپەندىنى شۇ خىل كېسەل ھالەتتىمۇ قىلچە رەھىم قىلماي لاگېرغا ئېلىپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئەندىشە قوزغايدۇ» دەيدۇ.

تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بورىنىغا ئۇچرىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ۋە ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندىگە ئوخشاش سابىق قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە دەرس بەرگەن ۋە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ پېنسىيەگە چىققان نوپۇزلۇق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى باستۇرۇشتا قايتىدىن تەقىب قىلىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىدا شەك يوق.

رادىيومىزغا ئابدۇكېرىم پالتو ئەپەندىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا لاگېردىن كېسەل سەۋەبلىك دوختۇردا بىر مەزگىل داۋالانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.