ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن كۈنى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.08.10
BTD-Bash-Shitabida-Namayish-2018-01.JPG گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ب د ت باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 10-ئاۋغۇست. جەنۋە، شۋېتسارىيە.
RFA/Ekrem

10-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ ۋىلسون مەركىزىدە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ روھىغا بىنائەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى قاتناشتى.

ب د ت ۋىلسون مەركىزىدە بۇ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ب د ت باش شتابى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى. 

نامايىش مەيدانىغا د ئۇ ق تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» ئېلىپ كىرىلدى. ئۇيغۇرلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى ۋە «مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چەكمەكتە» دېگەندەك ۋىۋىسكىلار كۆتۈرۈشۈپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ ھەم نارازىلىقلىرىنى نامايان قىلىشتى. 

شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەندىلى ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىشىدىكى سەۋەبنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. 

ئالايىتەن نورۋېگىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان بىر خانىممۇ، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇ سەپكە قوشۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان مەركىزى ميۇنخېندىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

نامايىش سائەت 12:00دا باشلانغان بولۇپ، سائەت 16:00 غىچە داۋام قىلاتتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى بىر سائەت نامايىش مەيدانىدا بولۇپ، سائەت 13:00 دا باشلانغان ۋىلسون مەركىزىدىكى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىچكى يىغىنىغا قاتناشتى. سائەت 15:00 دا ۋىلسون مەركىزىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى رەسمىي باشلاندى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد، قۇرۇلتاي پروگرامما يېتەكچىسى پىتەر ئىرۋېن، گوللاندىيەدە يەككە نامايىش قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئابدۇرەھىم غېنى قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇ يىغىنغا قاتناشتى. 

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى كەسكىن بەس-مۇنازىرە ئىچىدە داۋام قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.