ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىمنىڭ 6 ئايدىن بېرى قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەندى
2018.10.26
بىرقانچە ئايدىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجىدىكى مەشھۇر خەير-ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا نۇرتاي ھاجىمنىڭ ئاز دېگەندە 6 ئايدىن بېرى قاماقتا ئىكەنلىكى ۋە 4 ئاينىڭ ئالدىدا بىر قېتىم سوتقا چىققانلىقى دەلىللەندى.
خىتاينىڭ «سىنا» تورىدا ساقلانغان بىر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1950-يىللاردا تۇغۇلغان نۇرتاي ھاجىم 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىمپورت قىلىنغان ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن. 1990-يىللاردا غۇلجىدا چېگرا سودىسى باشلانغاندا ئۇ خەلقئارا ساياھەت ۋە يۈك توشۇش شىركىتى قۇرۇپ، سودىدا ساھەسىدە قەد كۆتۈرگەن. ئۇ 1995 -يىلى 3 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىر يېتىم-يېسىرلار مەكتىپى ئاچقان. «نۇرتاي ئىسكەندەر يېتىملەر مەكتىپى» دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ھەرقايسى جايلىرىدىن 150 چە ئوقۇغۇچى ئوقۇش ۋە ياشاش ئىمكانىغا ئېرىشكەن. يەنە شۇ ماقالىدا دېيىلىشىچە، نۇرتاي ھاجىم ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن بىر مىليون 150 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجراتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بالىلار ۋە مائارىپتىن ئىبارەت دىققەتكە سازاۋەر بۇ ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىم بۇ يىل 4-ئايدا قازاقىستاندىكى بىر تىجارەت سەپىرىدىن قايتقاندا ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خېلى مەزگىلگىچە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان. بۇنىڭدىن 4 ئايچە ئىلگىرى ئۇنىڭ سوتلانغانلىقى ۋە 18 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە گەپ تارقالغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى نۇرتاي ھاجىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسىسى نۇرتاي ھاجىمنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «دىئالوگ فوندى» نامىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتايچە تور بېتىدە غۇلجىدا بىر تۈركۈم سودىگەرلەرنىڭ سوتلانغانلىقى، سوتلانغانلار ئارىسىدا ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىمنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجىدىكى ئىدارە-ئورگانلار ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ھەرەمباغ ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى «نۇرتاي ئىسكەندەر يېتىملەر مەكتىپى» نىڭ تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم نۇرتاي ھاجىمنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكىنى دەپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەريابويى يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى يوشۇرمىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى نۇرتاي ھاجىمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ يېتىملەر مەكتىپىگە بىر قانچە سىياسىي مەھبۇسنىڭ پەرزەنتىنى قوبۇل قىلىپ قالغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ساقچى خادىمى بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دەريابويى ساقچىخانىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. دەريابويى ساقچىخانا خادىمىمۇ نۇرتاي ھاجىم دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نۇرتاي ھاجىمنىڭ بۇنىڭدىن 4 ئاي ئاۋۋال سوتلانغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى نۇرتاي ھاجىمنىڭ سوت مەيدانىغا كويزا-كىشەنلەر بىلەن ئېلىپ چىقىلغانلىقى ۋە 18 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى نۇرتاي ھاجى ئۈستىدىن 4 ئاي ئاۋۋال ئېچىلغان سوتنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى كەسكىن شەكىلدە رەت قىلدى.
ئەڭ يېقىندا غۇلجىدىن ئىگىلەنگەن بىر غەيرىي رەسمىي ئۇچۇردا نۇرتاي ھاجىمنىڭ تېخىچە قاماقتا ئىكەنلىكى، دېلوسىنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، سوتنىڭ تېخى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.