مەركىزى توكيودىكى ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلى 13-ئاۋغۇست 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر يوللىغان 22 ياشلىق ئابابەكرى رەھىمنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جەمئىيەتكە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ خەۋەر تارقاتقان.
ھازىرغىچە 17 مىڭدىن ئوشۇق كۆرۈرمەنلىرى بولغان بولغان مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ قېتىمقى پروگراممىسىدا ئابابەكرى رەھىمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقىغا ئاپىرىن ۋە مەدھىيىلەر ئوقۇغان.
بىز مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەسئۇلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋە تېلېۋىزىيە قانىلى پروگرامما رىياسەتچىسى كىرىستىنا خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.