داڭلىق نەشرىياتچى ۋە يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.12
abduraxman-ebey-02.jpg داڭلىق ئۇيغۇر نەشرىياتچى، يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەي.
ts.cn

يېقىندا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان 6 نەپەر تونۇلغان شەخسنىڭ خىزمەت ئورنى، تۇرۇشلۇق يېرى ۋە ئالاقىدار كىشىلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوللىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ 6 كىشىدىن شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى، تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى» بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدىكى بىر نۆۋەتچى خىتاي خادىم تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تونۇلغان يازغۇچى، نەشرىياتچى ئابدۇراخمان ئەبەي ھەققىدە تور ئارخىپلىرىدا ساقلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 1953‏-يىلى تۇغۇلغان. 1977‏-يىلىدىن باشلاپ نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1980‏-يىللاردا «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، 1999‏-يىلى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى، 2005 ‏-يىلىدىن 2015 ‏-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نەشرىيات باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

2011 ‏-يىلى ئۇ خىتاي ئاخبارات ئاخبارات ۋاستىلىرىدا «شىنجاڭنىڭ جۇشقۇن نەشرىياتچىسى» دەپ تونۇشتۇرۇلغان. ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ يېزىقچىلىق كەسپىي سەۋىيىسى، مەمۇرى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن مەزكۇر ماقالىدا ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ 2003‏-يىلىدىن 2011‏-يىلىغا قەدەر نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ھەر يىلى دېگۈدەك مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكى، بىر قېتىملىقتا مەملىكەت بويىچە «ئىلغار نەشرىيات ئەمەلدارى» بولۇپ باھالانغان تىلغا ئېلىنغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ بۇ ھەپتە رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ئەنە شۇنداق خىزمەت كۆرسەتكەن ئابدۇراخمان ئەبەي بۇ يىل 7‏-ئايدا تۇتقۇن قىلغان. ئەمما ئىنكاستا ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ قانداق بىر گۇمان بىلەن تۇتۇلغانلىقى ۋە دېلوسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تىلغا ئېلىنمىغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، تەشكىلات بۆلۈمى، مەدەنىيەت نازارىتى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ نۆۋەتچى بىر نەپەر خادىمى ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلاردىكى ھەممە كىشىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ خادىم ئۇنىڭ بىر «بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن خېلى بۇرۇنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خادىم يەنە ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ مەزكۇر «خاتالىق» نى ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا ئەمەس، بەلكى خەلق نەشرىياتىدا ئىشلەش جەريانىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىچكى جەھەتتە بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ خادىم گەرچە ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ دېلوسىدىن تەپسىلىي خەۋىرى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات بېرىشكە ئىنتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون سۆھبىتىمىز نامەلۇم تېخنىكىلىق توسالغۇ سەۋەبىدىن داۋام قىلالمىدى. ئىككى قېتىم باغلانغان، ھەر ئىككى قېتىمى بىر مىنۇتتىن ئارتۇق سۈرەلمىگەن تېلېفون باغلىنىشىمىز ئۈزۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئوخشاش نومۇرغا قايتا-قايتا ئۇرغان بولساقمۇ، تېلېفون قايتا باغلانمىدى.

بىز ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خىتايچە تور ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. «بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرى» دا بايان قىلىنىشىچە، ئۇ 2015‏-يىلى 1‏-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، 2017‏-يىلى 1‏-ئايدا بۇ ۋەزىپىسىدىنمۇ قالدۇرۇلغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ 2015‏-يىلدىن باشلاپلا خىتاينىڭ نەزىرىدە «گۇمانلىق شەخس» كە ئايلانغانلىقى ۋە ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن پات-پات سوراققا تارتىلىپ تۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن 

توردىكى ئۈن-سىن ئارخىپلىرىنى تەكشۈرگىنىمىزدە ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ مۇقىملىق ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدىن تۆۋەندىكى جۈملىلەر مەلۇم بولدى. 

«. . . شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت كىتابلار كۆپرەك نەشر قىلىنىشى، قانۇنغا ئائىت ماتېرىياللار كۆپرەك نەشر قىلىنىشى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىلىق ماتېرىياللار كۆپرەك نەشر قىلىنىشى كېرەك. . .»

خىتاي تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ جۇشقۇن نەشرىياتچىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىدا نەقىل ئېلىنىشىچە، شۇ يىلى 59 ياشقا كىرگەن ئابدۇراخمان ئەبەي ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلىپ پاكىز ئىش قىلىشنى، پاك ئادەم بولۇشنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە راھەت پېنسىيىگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۈگۈنكى دەلىللەشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئۆمۈر نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە تەر تۆككەن يازغۇچى، نەشرىياتچى ئابدۇراخمان ئەبەي بۇ يىل 65 يېشىدا قولىغا كويزا سېلىنىپ ۋە بەلكىم بېشىغا قارا خالتىمۇ كىيدۈرۈلۈپ «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ نۆۋەتتە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى دېلوسىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئابدۇراخمان ئەبەي ھەققىدە رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە» قاتارلىق نادىر تارىخىي رومانلارنىڭ ئاپتورى ياسىنجان سادىق چوغلان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى قېيۇم مۇھەممەد، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رېژىسسورى، شائىر مۇختەر بۇغرا، خەلق ئىچىدە تونۇلغان زامانىۋى ناخشا چولپانلىرىدىن ھەزرىتىئەلى مەمتىلى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن زۇلپىقار كۈرەش بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.