ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ لەرزى
2019.02.15
ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە خەۋەر چىققاندىن كېيىن ماڭا تۇنجى قېتىم بىر قانچە تۈركچە تاراتقۇلاردىن تەڭلا تېلېفون كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈممەتچىلەر، مىللەتچىلەر، سولچىلار-ھەممىسى بار بولۇپ، ئابلەت مەخسۇم ۋاپات بولغاندا، كېرىم ئابدۇۋەلى شېھىت بولغاندا، مۇھەممەت سالىھ داموللام ئاللاھقا قايتقاندا تېلېفونۇم بۇنداق سايراپ كەتمىگەن ئىدى.
دەسلەپ ئۈرۈمچىدىكى مەنبەدىن خەۋەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىم نەتىجە بەرمىگەچ سۈكۈت قىلدىم. شەنبە كېچە سائەت 11 بىلەن «ئۇنداق گەپ يوق» دېگەن خەۋەر كەلدى، سەنئەتكار ھايات. قانداق قىلىمىز؟ تاھىر ھامۇت بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇمۇ مەندەك ئۇچۇرغا ئېرىشىپتۇ. ئىككىمىز بەزىلەرنىڭ ھاجىمنى ئۆلتۈرۈپ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشتۇق. چۈنكى ھاجىم ساق، ئەمما مىليونلىغان ئۇيغۇر قىينىلىۋاتقان، ئۆلۈمنى تىلەپ ئاللاھقا يېلىنىۋاتقان ئىدى. قاراپ تۇرۇپ ساقنىڭ، ھايات بىر ئىنساننىڭ داۋاسىنى ئۆلدى دەپ قىلىمىز-يۇ، ھالاكەت ئارخىپىغا ئىسمى تىزىلغان مىليونلىغان كىشىلەرنى سانغا چىقىرىپ بولدى قىلىمىزمۇ؟
مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى ھاجىمنىڭ تىرىكلىكىدىن باشقا تۈركىيەنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ چىقارغان ساداسى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ باياناتى تىترەپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي يۈزلىگەن كىشىلەرنى، ئونلىغان تاراتقۇنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئىدى. ماڭا ئەزەلدىن يېقىن يولىمايدىغان ئاق پارتىيەچى گېزىتلەرنىڭ قىلغان تېلېفونلىرى ۋە قىزغىنلىقى ماڭا تۈركىيەدە ئۆچكەن ئۈمىدنىڭ شاملىرى بىراقلا يېنىپ كەتكەندەك بىلىندى. تۈركىيە بىر ئابدۇرەھىم ھېيت بىلەن خىتايدىن لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى. ئەڭ قاتتىق دىپلوماتىك ئىبارە قوللاندى، بارىكاللا! ھاكىمىيەتتىكى كېچىكىپ ئويغانغان ئىنسانلىق داۋاملىق ياشاپ كەتسۇن.
ئەگەر ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ لەرزى تۈركىيەنى تىترەتمىگەن، تۈركىيە خەلقىنى چۆچۈتمىگەن بولسا ھاكىمىيەت بۇنداق بىر كەسكىن مەيدانغا تەۋەككۈل قىلمىغان بولاتتى. باشقا ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلەر دېگەندەك بۇ باياناتتا ئويۇنلارنىڭ، ھېسابلارنىڭ بارلىقىنى چەتكە قاقمىساممۇ، ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئويغانغانلىقىغا ئىشىنىشنى بەكمۇ خالايمەن. «تۈرك خەلقىنىڭ بېسىمى مۇھىم رول ئوينىدى» دېگەن خۇلاسەمدە چىڭ تۇرىمەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئابدۇرەھىم ھېيتقا ئاتاپ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغاندا خىيالىم مەمەت سالىھ داموللامغا كەتتى. «ئىسلامچى» ئاتالغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت سۈرۈۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللانىڭ سۆزىنى ئۇيغۇرغا ئانا تىلدا يەتكۈزگەن كاتتا ئۆلىما ئۆلتۈرۈلگەندە سۈكۈت قىلىپ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ گۈزەللىكى، ئازابلىرى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنى دۇتارىدا كۈيلىگەن بىر ناخشىچىغا كۆرسەتكەن بۇ قەدەر كۈچلۈك ئېتىراپى مېنى ئويغا سالدى.
ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ دۇتارنى تۇتۇپ، ھېلى ياركەنتنىڭ، ھېلى يېڭىسارنىڭ، ھېلى قۇمۇلنىڭ بۆكىنى كىيىپ تۇرغان سالاپىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. مەنچە دۇنيا ئۇيغۇر دېسە مۇشۇ سالاپەتنى، مۇشۇنداق قىياپەتنى كۆرۈشنى ئىستەيدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ «قۇرئان» ئىمىز بار، ئەمما دۇتار ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقى، «قۇرئان» ئۇيغۇرنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا خاس ئورتاقلىقى.
بىر مىللەتتىن جاھاننىڭ كۈتىدىغىنى شۇ مىللەتنىڭ ھېچ كىمدە يوق ئۆزگىچە سەنئىتى، ھېچ كىمدە يوق كىيىم-كېچەكلىرى، ئىجادىيەت بايلىقىدۇر. بەلكىم تۈركىيەنى تىترەتكەن، دۇنيانى جەلپ قىلغان، ئىنسانلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن تەرەپ دەل ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئۇيغۇرغا خاس كىيىمى، ئۇيغۇر روھىنى مۇجەسسەملىگەن ئاھاڭى ۋە ئۇنىڭ كۈيلىرىگە ياراشقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى جۇلالاندۇرغان شېئىرلاردۇر.
بىز ئۆزىمىزنىڭ «قۇرئان» ئىغا ئەگەشكەن ئورتاقلىقى بىلەن ئورتا ئاسىيالىق، خىتاينىڭ غەربى-شىمالىدىكى مۇسۇلمان ئىنسانلاردۇرمىز. بۇ بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ ئۇيغۇر قىلىپ تۇرىدىغان ئامىل ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بۇ ئامىللارغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇلۇغلىرىمىز بىزدىن ئۇيغۇرلۇقنى ئىزدەۋاتقان جاھاننىڭ نەزىردە ئانچە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس. جاھاننىڭ كۆزى ئۇيغۇرنىڭ ھېچ كىمگە ئوخشىماس ئۇيغۇرچە سۆزىدە، ئىنسانىيەتكە زوق قاتقۇچى ۋە ھاياجان قوزغاتقۇچى كۈيىدە، جاھانغا ھەسەن-ھۈسەندەك رەڭ قوشىدىغان كىيىم-كېچەكلىرىدە. ئۇلار بىزنى مۇشۇ خاسلىقىمىز بولغاچ ئۇيغۇر ئاتايدۇ. بوۋىلار ۋە مومىلاردىن مىراس قالغان ئۇيغۇرلۇقىمىز بىزنىڭ ھېچ كىمگە ئوخشاپ قالمايدىغان تونىمىزدا، مەردانە ئۇسۇلىمىزدا، لەرزان مۇقامىمىزدا، قىزغىن مەشرىپىمىزدە، «مىڭ ئۆي» دىكىدەك مىڭ يىلنىڭ تارىخنى سۆزلەيدىغان رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق ۋە بىناكارلىقىمىزدا. مەنچە ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ جاھاننى تىترەتكەن لەرزى ئۇيغۇرلۇقنىڭ لەرزى، ئۇيغۇرغا خاس مەدەنىيەتنىڭ مەدەنىي دۇنيادا يوقاپ كېتىشىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن ھېسسىداشلىقنىڭ لەرزىدۇر.