سەنئەتكارلار: «ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت!» (1)

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندىن بۇيان جىددىي ئىجرا قىلىۋاتقان «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ سانسىزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ياشلىرىنى تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر مۇزىكا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنى ئەنە شۇ سىياسىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا ساقچىلارنىڭ نامەلۇم جايغا ئېلىپ كەتكەنچە ھېچقانداق خەۋىرىنىڭ بولمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كەڭ تارقالدى.

بىز بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمەت ئورنى بولغان «ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» ئەتراپىدىكى بىرنەچچە ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى نەنگۇەن ساقچىخانىسىنىڭ نۆۋەتچى ساقچى خادىمى تېلېفوندا بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئىشلارنى سۆزلەشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر سۈرۈشتە قىلىش توغرا كەلسە ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىۋاسىتە ساقچىخانىغا كېلىپ سۈرۈشتە قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە بىرەر ئېنىق مەلۇمات ئوتتۇرىغا چىقماي كەلگەن ئىدى. بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن شائىر ۋە رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىدىن بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئابدۇرېھىم ھېيتقا قانداق «جىنايەت» پاكىتلىرىنىڭ ئارتىلغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا تاھىر ھامۇت ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ شارائىتىدا بۇ ھەقتە بىرەر ئېنىق جاۋاب ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىنى، ئەمما ئابدۇرېھىم ھېيتنى ياخشى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ «ئاتىلار» دېگەن ناخشىسى بۇ قېتىمقى تۇتقۇنغا سەۋەب بولغان «پاكىت» بولۇپ قالغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تاھىر ھامۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئاتىلار» ناملىق شېئىردا قانداقتۇر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ياكى «مۇقىملىق» قا زىيانلىق ئاشكارا مەزمۇنلار يوق ئىكەن. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ شېئىردىكى «شېھىت بولماق» چۈشەنچىسىنى سىياسىيغا كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا باشقىچە تەبىر بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى چەتئەللەردىمۇ تېگىشلىك ئىنكاس قوزغىدى. ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىسى ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان دوكتور راچېل خاررىس خانىم ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قولغا ئېلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇ ئېزىز ئىسا ئەلكۈن بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىققان بۇ ماقالىسىدە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ياكى تۈرمىلەرگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ ئۆز ناخشىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تەرغىب قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت توغرىلىق مەخسۇس ماقالە يېزىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

«بۇ خەۋەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار قاتارىدا بىزگە يېتىپ كەلدى. ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتتىن راستىنى دېسەم بەكلا پەرىشان بولدۇم. چۈنكى مەن بىر مۇزىكا مۇتەخەسسىسى، مېنىڭ خىزمىتىم پۈتۈنلەي مۇزىكا ساھەسىدە بولىدۇ. شۇڭا مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە چوقۇم چىش يېرىپ بىرنەرسە دېمىسەم بولمايدۇ، دەپ ئويلىدىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، «دۇتار شاھى» ئابدۇرېھىم ھېيت 1964-يىلى قەشقەردە بىر دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دەسلەپ بېيجىڭدىكى «مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» دە، كېيىن ئۈرۈمچىدىكى «ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» دە مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى ۋە ناخشىچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2011-يىلى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى ئۇنىڭ «دۇتارىم» نامىدىكى توققۇز دىسكىلىق ئىجادىيەت توپلىمىنى نەشر قىلغان.
(داۋامى بار)