سابىق ساقچى، ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبلىرى ھەققىدە پەرەزلىرىنى بايان قىلدى

0:00 / 0:00

غۇلجىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەن ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مۇخبىرىمىز بۈگۈنمۇ بىر قاتار ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىلىق خىزمىتى ئۆتىگەن يولۋاس ئەپەندى، ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىك ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈنۈگۈنكى، يەنى 7-ئىيۇندىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان نىلقىلىق ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئۆلگەنلىكى خەۋىرىنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. مەرھۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ بېشى داكا بىلەن تېڭىلغان ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ تېڭىقنى ئېچىپ كۆرۈشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بۈگۈن مەرھۇمنىڭ بېشىدىكى زەخىمىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى مەرھۇم ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە جاۋاب بېرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئالاقىدار خادىملارنىڭ تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى بېرىشنىمۇ رەت قىلدى.

ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ قېرىندىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچىلار، مەرھۇمنىڭ تېڭىقلىق باش قىسمىنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلمايلا قالماستىن، بۇ ھەقتە ئىزاھاتمۇ بەرمىگەن؛ نۆۋەتتە مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 40 نەچچە كىشى لاگېردا بولغاچقا، نۆۋەتتە جەسەت تاپشۇرۇلغان ئائىلىدە، جەسەتنىڭ باش قىسمىدىكى زەخىمىنى سورىغۇدەك كىشىمۇ قالمىغان. بىز يەنە بۇ ھەقتە غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق. خادىم، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى ئەنسىزلىك بىلەن رەت قىلدى.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندى، ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ ئۆلۈمىدە قىيىن-قىستاقتىن باشقا سەۋەب بولۇشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئەگەر ئابدۇرېشىت سەلەي ياش بىر بالا بولغان بولسا، ئۇنىڭ لاگېردىن قېچىش ئۈچۈن ئۆزىنى زەخىملەندۈرگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما 65 ياشلىق بىر كىشىنىڭ بۇنداق بىر تەۋەككۈلچىلىكنى قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى لاگېرلاردا ۋەزىيىتىدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇش ئىمكانىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ يېرىم پالەچ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئېگىز بىر جايدىن يىقىلىش ئېھتىمالىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، يىقىلىشتىن باش يېرىلغاندىمۇ، ئۆلۈمگە سەۋەب بولغۇدەك بىر زەخمە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ خۇلاسە سۈپىتىدە مەرھۇمنىڭ دىنىي ئېتىقادقا زىت كېلىدىغان بىر تەلەپكە ۋە زورلاشقا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە جەھەتتە بويۇن ئەگمىگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن باش قىسمىغا ئۇرۇلغان ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.