ئابدۇۋەلى ئايۇپ قولغا ئېلىنىپ 4 ئاي ئۆتكەندە بىر قىسىم تۇغقانلىرى، ساۋاقداشلىرى شۇنداقلا دوستلىرى رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى بايان قىلدى.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مىرشات ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يازمىلىرى ۋە ئۇ قوزغىغان ئانا تىل مائارىپى دولقۇنىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ جىيەنى بولۇپ، 2013-يىلى 20-ئاۋغۇستتا تاغىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندا ئۇنىڭ ياش قەلبى بۇ رېئاللىقنى زادىلا قوبۇل قىلالمىغان. يېقىندا ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تاغىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىر يۈرۈش يازمىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ياشلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلگىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن نۇرغۇن ياشلاردا ئوتتەك قىزغىنلىق بولسىمۇ، لېكىن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن قانداق كەسىپ تاللاش، كەلگۈسىدە نېمە قىلىش ھەققىدە ئېنىق نىشان بولمىغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بىر يۈرۈش يازمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچىدىكى نۇرغۇن ياشلار ئۆزىدە ئېنىق نىشان ۋە ماڭىدىغان يول تاللاشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان. ھەتتا خېلى كۆپ ساندىكى ياشلار ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ياكى ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاپ ھەر جەھەتتىن ئۆزلىرىنى تەربىيىلىگەن.
ھازىر ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور ئەنۋەر مەمەت ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتى، ئوي-خىياللىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە شاھىتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ھەم بىر يۇرتلۇق دوستى بولۇپ كىچىكىدىن تارتىپلا كۆپلىگەن ئىشلاردا ئورتاق كەچۈرمىشكە ئىگە بولغان. دوكتور ئەنۋەر مەمەت زىيارىتىمىز جەريانىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ يازمىلىرىنىڭ شۇنچە چوڭ تەسىر قوزغاشتىكى بىلىم ئاساسى ۋە چىقىش نۇقتىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان يازمىلىرىنىڭ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىدا مىللىي كىملىك ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن ئۇ باشلىغان ئانا تىل ئىنقىلابىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، بەلكى ھەقىقىي باشلىنىشقا ئىگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ خۇددى مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلۇغۋار مىللىي غايە ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا، ئەنۋەر مەمەت ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مىللىي ھەق-ھوقۇق يولىدىكى بىر قۇربان بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تراگېدىيەلىك ئەمەلىيىتىنىڭ خىتايدىكى پەقەت قەغەز يۈزىگىلا خاس بولغان «ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ ساختا ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.