يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستقا تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئابدۇۋەلى 2006-يىلى لەنجۇ غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن ئىدى.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا تۈركىيەدىكى ھېچقانداق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتمىغان ئىكەن. ئۇ دوستلىرىغا ھەر دائىم ۋەتەنگە قايتىپ ئۆز مىللىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەيدىكەنتۇق.
خىتاي قانۇنى بويىچە شىركەت قۇرۇپ، خىتاي قانۇنلىرىدا تەكىتلەنگەن «ھەر مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىدا مائارىپ تەربىيىسى ئالىدۇ» دېگەن ماددا بويىچە ئانا تىلدا يەسلى ۋە مەكتەپ ئېچىشقا تۇتۇش قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ 4 ئاي ئىلگىرى تۇتۇپ كېتىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى دەپ قولغا ئېلىنغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ 5 ئايدىن بېرى قەيەرگە قامالغانلىقى، كونكرېت ئەھۋالى ھەمدە قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ھېچنېمە بىلمەيدىكەن.
دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە گۇمانلىق دەپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى بېكىتمەي تۇرۇپ تۈرمىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنغا خىلاپ، بۇ خىل دۆلەتلەردە كىتاب يېزىش، كىتاب ئوقۇش، پىكىر قىلىش، مەكتەپ ئېچىش ھەرگىزمۇ جىنايەت ھېسابلانمايدۇ. خىتايلارنىڭ سىياسىي كۈلتۈرىدە زىيالىيلارغا زەربە بېرىش ئومۇملاشقان ئىشمۇ؟ ئۇنداقتا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نېمە قىلىشى كېرەك؟