ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ قەشقەرگە قايتۇرۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، تۈرمىدىكى ياش تەتقىقاتچى، تونۇلغان تور يازغۇچىسى ۋە مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىن قەشقەرگە قايتۇرۇلۇپ يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتىلگەن مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن قەشقەردىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ 5 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىدىن تارتىپ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەرگىچە قەدەر سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئابدۇۋەلىنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقىنى بىلەلمىگەن.

«ئۇيغۇربىز» تورى يېڭى يىل ھارپىسىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2014-يىلى 1-ئايدا سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ۋەھالەنكى، رادىئومىز ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

15-يانۋار رادىئومىز ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان جىيەنى مىرشات بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى. مىرشات ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىن ئابدۇۋەلىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، لېكىن تېخىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە، يەنى بۈگۈن رادىئومىز يەنە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتى. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىرشات تاغىسى ئابدۇۋەلى ھەققىدە 5 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يېڭى ئۇچۇر ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 19-يانۋار كۈنى ئابدۇۋەلىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇكىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئون نەچچە كۈن ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئابدۇۋەلىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ يېقىندا ئەدلىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قەشقەرگە قايتۇرۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.

مىرشاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇۋەلىنىڭ چوڭ ئاكىسى شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ ئابدۇۋەلى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى پەقەتلا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنى سوت قىلىشتىن بۇرۇن قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر بەرگەن.

مىرشات زىيارىتىمىز جەريانىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ چوڭ ئاكىسى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ، ئابدۇۋەلىنىڭ قەشقەردە ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچىدە سوتلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.