ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2011-يىلى ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىشى ۋە خۇسۇسىي مەكتەپ ئېچىپ، كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچماقچى بولغانلىقى ئۆز خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا نىسبەتەن زور بىر سىناق بولغان ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ ئېغىر سىناققا تەۋەككۈل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائىرىلەرنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بېغىشلانغان مەزكۇر پروگراممىنىڭ بۈگۈن ئاڭلىتىلىدىغان 8-قىسمىدا، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرى بايان قىلىنىدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئۆز مەسلەكداشلىرى بىلەن بىللە ئادالەت بولمىغان سوتقا ئېلىپ چىقىلىشى قانداقتۇر «ئىقتىسادىي دېلو» ياكى «سىياسىي دېلو» سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئالدىن بېكىتىپ قويۇلغان «دۆلەتكە دۈشمەن يارىتىش» سىياسىي تەپەككۇرىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان ئىكەن.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.