ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سىرلىق سوتى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزى

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈستىدىن چىقارغان سوت ھۆكۈمىنىڭ تېخىچە ئىجرا باسقۇچىغا كىرمىگەنلىكى مەلۇم.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ دېلو ۋە سىرلىق سوت ھەققىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

مىچۈەن تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن 3 نەپەر مەھبۇس

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 11-ئىيۇلدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق 3 نەپەر ۋىجدان مەھبۇسى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان.

ۋەھالەنكى، سوت مەيدانىدا ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان. ئارىدىن 1 ئاي 10 كۈن ئۆتكەندە، يەنى ئۇلار ئۈچەيلەن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا توپ-توغرا بىر يىل تولغان 21-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاندىن ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، سوتتىن كېيىن دائىرىلەر ئۇلار ئۈچەيلەننى ليۇداۋان تۈرمىسىدىن مىچۈەن تۈرمىسىگە يۆتكىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ سوت ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرز سۇنۇشتىن ۋاز كەچكەن. چۈنكى نارازىلىق ئەرزى قاراپ چىقىلىپ يۇقىرى سوتنىڭ قارارى كەلگۈچە، ئۇلارنىڭ يەنە ئاز دېگەندە 6 ئايغىچە تۈرمىدە ساقلىشى مۇمكىنكەن.

سوت ھۆكۈمى 21-ئاۋغۇست ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن مۇھەممەتسىدىقنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلىقى مەلۇم.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا دىليار ئوبۇلمۇ سوت ھۆكۈمىگە قارىتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئۈچەيلەننىڭ جازا ھۆكۈمى تېخىچە ئىجرا باسقۇچىغا كىرمىگەن. ئۇلار مىچۈەن تۈرمىسىگە كۆچۈرۈلۈپ ھازىرغىچە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن.

جاۋابكارلار بىلەن ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقا سۆز پۇرسىتى بېرىلمىگەن غەلىتە سوت

11-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيدان سوتىغا قاتناشقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«سوت شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. سوتقا بىزنىڭ ئائىلىدىن ئانىمىز، ئابدۇۋەلىنىڭ ئايالى، ئىككى ئاكىسى، ئاچىلىرى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلار قاتناشتى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇل ئۈچەيلەن سوت مەيدانىغا ئېلىپ كىرىلگەندە ئۇلار بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى. بىز ئۈنسىز رەۋىشتە باش لىڭشىتىپ سالاملاشتۇق. بىز سوت مەيدانىدىكى ئاڭلىغۇچىلار ئولتۇرىدىغان جايدا، ئۇلار ئۈچەيلەن ‹جاۋابكارلار› ئورنىدا ئولتۇردى.»

«ئۇلارغا ئۆزىنى ئاقلاش ياكى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ جەريانىنى دېيىش پۇرسىتى بېرىلمىدى. پەقەتلا سوتچىنىڭ ۋە ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا ‹ھە-ئە!› ياكى ‹ياق!› دەپ بىر ئېغىز سۆز بىلەن جاۋاب بېرىدىغان قىسقا پۇرسەت بېرىلدى. ھەتتا ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقىمۇ سوتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا گەپ قىلىدىغان پۇرسەت بېرىلمىدى. گەپنىڭ ھەممىسىنى سوتچى، مۇئاۋىن سوتچى ۋە ئەيىبلىگۈچىلەر قىلدى ھەمدە قوللىرىدىكى تەييار يېزىۋالغان نەرسىلەرنى ئوقۇدى. سوت ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى!»

ئابدۇۋەلى بىلەن ھازىرغىچە كۆرۈشەلمىدۇق!

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقىنى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سوت ئېچىلىپ، ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن 2 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىمىزدىكىلەر ئابدۇۋەلى بىلەن تېخىچە كۆرۈشەلمىدى. مەن بۇ قېتىم قىزىمنى ئوقۇشقا ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ئارقىلىق ئىچكىرىگە بارغان ئىدىم. يولدا ئۈرۈمچىدە توختاپ ئابدۇۋەلى بىلەن كۆرۇشۈشنىڭ ئىمكانىيىتىنى ئىزدىدىم، ئەپسۇس ماڭا ھازىرچە كۆرۈشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنداق قىلىپ، ھېچقايسىمىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدۇق.»

«سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئادۋوكات تۈرمىگە بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشەتتى ۋە ئەھۋالنى بىزگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ھازىر ئادۋوكاتمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغان بولدى. مىچۈەن تۈرمىسىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن تامامەن بىخەۋەر قالدۇق.»

«ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بىزگە ئەمدى يۇقىرى سوتقا يەنە ئەرز قىلىشنىڭ پايدىسى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېلەر يىلى 2-ئايدا سوت ھۆكۈمى بويىچە ئابدۇۋەلىنىڭ قامالغىنىغا بىر يېرىم يىل توشىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ ھۆكۈمگە سۈكۈت قىلىڭلار دېگەن ئىدى. شۇڭا مەيلى ئابدۇۋەلى بولسۇن ياكى ئائىلىمىزدىكىلەر بولسۇن سوت ھۆكۈمىگە قارىتا يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇشتىن ۋاز كەچتۇق.»