ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «مەن تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇم، ئەمما خەلقىم ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ئىشتىن ۋاز كەچمىدىم» (10)

0:00 / 0:00

ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇدۇل يۇرتى قەشقەرگە قايتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ قەشقەردە كۆرگىنى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن، قورقۇنچ ۋە ۋەھىمىگە تولغان بىر دۇنيا ئىدى.

ئۇ يۇرتىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ يامانلاشقانلىقىنى، ساقچى، كەنت كادىرى ياكى ئادەتتىكى بىر ئامانلىق خادىمىنىڭ ئەرزىمەس بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ھەرقانداق بىر ئادەمنى قامىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ ئۆز غايىسىدىن، ئىرادىسىدىن ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ھەر بىر قېتىملىق تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا ئويلاپ باقمىغان كۆڭۈلسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ھەمكارلاشقان دوستلىرىنىڭ ھەممىسى سىياسىي بېسىم تۈپەيلى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. ساقچى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەر قەدەمدە ئۇنىڭ يولىنى توسايدۇ. ھەتتا ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى قەشقەردە ئۆي ئىجارە ئالالماي تالادا قالىدۇ. بۇ ھال ئۇنىڭغا يۇرتى قەشقەردە تۇرۇپ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ھېچقانداق مۇمكىنچىلىكى قالمىغانلىقىنى، ھەتتا شەخسىي ھاياتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭمۇ بىر كۆرۈنمەس تەھدىتنىڭ خىرىسى ئىچىدە تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

قەشقەردە تۇرۇپ ياشاشقا ھېچ ئامالى قالمىغان ئابدۇۋەلى ئاخىرى يەنە بىر قېتىم - ئەڭ ئاخىرقى قېتىم - چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى سىناپ باقماقچى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئىلگىرىكى پاسپورتى بىر مەھەل تارتىۋېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ھالبۇكى، ئابدۇۋەلى بۇ پاسپورت بىلەن ئەمدىلىكتە يەنە بىر قېتىم چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقىنى بىلەلمەيدۇ.

ئۇ ئاخىرى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا چىقماقچى بولىدۇ، ھالبۇكى، ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئېلىپ تۈركىيەگە سىناپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئابدۇۋەلى ئايۇپ دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا تەۋەككۈل قىلىپ كىرىدۇ. گەرچە خىتاي چېگرا خادىملىرى ئۇنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا بىر سائەتتەك ئاۋارە قىلىپ تۇتۇپ قالغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئۇنىڭ تۈركىيەگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشىغا يول قويىدۇ.

ئويلىمىغان بۇ تەۋەككۈلچىلىك ئۇنى ھۆر دۇنياغا ئېلىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، تۇتقۇن قىلىنىش، سوراق-سوئالغا تارتىلىش، تۈرمە ئازابى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن ئاچچىق كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى داۋامىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمايدۇ.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە،ساقچىنى كۆرسە بەدىنى شۈركىنىدىغان، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلسە ۋەھىمە ئىچىدە قالىدىغان، چۈشلىرىدە قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنى كۆرىدىغان پسىخىك جاراھەت ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمما ئۇ پۇرسەت تۇغۇلغان ھامان ۋەتەنگە قايتىپ ئۆز خەلقى موھتاج بولۇۋاتقان ئەڭ زۆرۈر ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش غايىسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ.

ئۇ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى ئۆيىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆز ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇردى:
«مەن تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ ھۆر دۇنياغا قايتىپ كەلدىم، ئەمما خەلقىم ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ئانا تىلدىكى مىللىي مائارىپ يولىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىدىم. پۇرسەت تۇغۇلغان ھامان مەن ۋەتەنگە قايتىمەن. چۈنكى مەن ماڭا مۇھەببەت، ئىشەنچ ۋە غۇرۇر بەرگەن ئاشۇ خەلقىم بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە ياشىشىم كېرەك!...»

(داۋامى بار)