مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىنىڭ توقسۇ چىلاندىكى 5 شاگىرتى 26 يىلدىن بۇيان نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا

0:00 / 0:00


مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ كۇچادىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابىلىكم مەخسۇم ھاجىم بىلەن مەھبۇس دىنىي ئالىم ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىشى ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، توقسۇنىڭ يۇلتۇزباغ يېزا چىلان كەنتىدىكى بەش كىشىنىڭ 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرى ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قولىدا تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈنلا 26يىلدىن بۇيان نازارەت ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار مىجىت بارات، خېلىل قارى، ئېزىز ئوسمان، سەمەت مىجىت ۋە بارات مەمەت قاتارلىق 5 كىشى بولۇپ، بۇلار رايوندىكى ھېچقانداق بىر ۋەقە ياكى دېلوغا چېتىشلىقى بولمىغان بولسىمۇ، 26 يىلدىن بۇيان يېزىدىن سىرتقا چىقسا ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە ھەپتىدە بىر قېتىم باردى - كەلدى مۇناسىۋىتى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ساقچىغا دوكلات بەرگەن. دېھقانچىلىقنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىگە قېتىلغان بۇ بېسىم، بۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى كۆپ پاراكەندە قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئاچچىق ۋە نارازىلىقلىرىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. تۆۋەندە بۇ ئەھۋالنى بۇ 5 كىشى بىلەن 3يىلدىن بېرى سۆھبەت خاتىرىسى قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ساقچى خادىمىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقاندىن كېيىنمۇ خىتاينى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان ئابلىكىم مەخسۇم ھاجى كىم؟ ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم 1920 - يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. مەھبۇسلۇق ھاياتى بالا ۋاقتىدا يەنى شىڭ شىسەي دەۋرىدە باشلانغان، گومىنداڭ دەۋرىدە ئىككى يىل ۋە كومپارتىيە دەۋرىدە 20 نەچچە يىل تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم، 1979 - يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئەسلى يولىغا قايتىپ، قاغىلىقتا يەنە مەكتەپ ئاچقان. خىتاي تەرەپ ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ناھىيلىك سىياسىي كېڭەشتىن ئورۇن بەرگەن بولسىمۇ، ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ھەقنى سۆزلەشتىن، ھەق يولدا چىڭ تۇرۇشتىن ۋاز كەچمىگەن. دەرسلىرىدە زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇشنى ئەڭ چوڭ ئىبادەت دەپ تەلىم بەرگەن ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ شاگىرتلىرىدىن زەينىدىن يۈسۈپ بارىن ئىنقىلابىنى قوزغىغان بولسا، ئىدرىسخان ئۆمەر، ھېمىت تالىپ قاتارلىق شاگىرتلىرى بېشىدىلا نۆۋەتتە خىتايغا قارشى داۋام قىلىۋاتقان كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدىكى قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ 1990 - يىللاردىكى باشلامچىسى بولغان.

مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى مەنبەگە كىرىڭ:

https://www.rfa.org/uyghur/programmilar/shexsler/ablikim-mexsum-20070306.html