جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىزمەت پىلانى تۈزۈلگەن بولۇپ، پىلانغا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. يىغىندا يەنە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مىللەتلەردىن كوسوۋا بىلەن شىمالىي ئىراقتىكى كۇرتلار تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىققان. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋاكالەتسىز مىللەتلەرگە ئەزا بولۇش تەلىپى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ قارار ماقۇللانغان.
21-نويابىر كۈنىدىن 23-نويابىر كۈنىگىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پايتەختى كاپتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن جەريانىدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى پېتەر مۇللەر قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جەنۇبىي ئافرىقىدا قانداق ئاڭلىتىش توغرىسىدا ئىزدەنگەن. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.