ئالماس نىزامىدىن ئۆز ئائىلىسىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.03.16
Almas-Nizamidin-we-ayali-Buzeynep-Abdureshit.png ئالماس نىزامىدىن ۋە ئايالى بۈزەينەپ ئابدۇرەشىت.
RFA/Mehriban

ئالماس نىزامىدىن ئائىلىسى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بوۋىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى نىزامىدىن ھۈسەيىن خىتاي تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان ئالماس نىزامىدىننىڭ مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن ئايالى بۇزەينەپ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقىنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 15-مارت كۈنى دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىغا قاتناشقان ئالماس نىزامىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى نامايىشتا مۇخبىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. ئۇ بۇلتۇر خىتاي تۇتقۇن قىلغان ئايالى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىت بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم چۈشۈرۈلگەن تاختىغا «بۈزەينەپ، مەن سىزنى سېغىندىم» دەپ يازغان. ئۇنداقتا، ئالماس نىزامىدىن نېمە ئۈچۈن ئادېلايدتىكى نامايىشتا مۇخبىرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى؟ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۈزەينەپ ئابدۇرېشىت كىم ئىدى؟ خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى قانداق باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلدى؟ بۇزەينەپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېرى ئالماس نىزامىدىن ئايالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدى؟

15-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىدا ئالماس نىزامىدىننىڭ قولىغا كۆتۈرۈۋالغان تاختىدىكى «بۇزەينەپ، مەن سىزنى سېغىندىم» دېگەن خەتلەر مۇخبىرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە ئالماس نىزامىدىن 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5-فېۋرال نامايىشى» نىڭ پىلانلىغۇچىلىرىدىن بىرى دېگەن «جىنايەت» بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر يىلدىن كېيىن تۈرمىدە ئۆلگەن، ئەينى چاغدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ تەھرىرى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ نەۋرىسى.

ئالماس نىزامىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنى 15-مارت كۈنى ئادېلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىغا ئېلىپ كەلگەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ 2017-يىلى ئەتىياز پەسلىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 7 يىللىق قاماق جازىسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بوۋىسى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كېتىشى، ئائىلىسىنىڭ خىتاينىڭ «قارا تىزىملىكى» گە چۈشۈپ قېلىشى، بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن قايتقان ئاپىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرى» غا قامىلىشى قاتارلىق پاجىئەلىك قىسمەتلەرمۇ ئۇنى داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىققا ئۈندىگەن ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن. 

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىگە يولغا سالغان. مىجەزى ئوچۇق، ياردەم سۆيەر شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بۇ ئۇيغۇر يىگىتى ناھايىتى تېزلا ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەن. 2015-يىلى ئالماس نىزامىدىن مىسىردا ئوقۇۋاتقان قىز دوستى بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتقان. ھالبۇكى، ئۇزۇن يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن ۋىسالىغا يەتكەن بۇ بۇ بىر جۈپ ياشقا تويدىن كېيىنكى بەختلىك ئائىلە ھاياتىنى بىللە ياشاش نېسىپ بولمىغان. تويدىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئاۋسترالىيەدىكى ئېرى ئالماس نىزامىدىن بىلەن قوشۇلۇشنى كۈتۈۋاتقان بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت 2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ كېتىلگەن ۋە ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان. 

ئالماس نىزامىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايالى بۇزەينەپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئايالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان. ئەمما ئايالى بۈزەينەپ 3 ئايدىن كېيىن، يەنى 2017-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ ئۆزىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراق قىلىنىپ تەھدىتكە ئۇچرىغان ھەمدە خىتاي چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

شۇندىن بۇيان ئالماس نىزامىدىن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئايالى بۈزەينەپنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاڭلىتىشقا، ئايالى ۋە تۈرمىدىكى باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىش يولىغا ئاتىغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا بۇزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئېرى ئالماس نىزامىدىن تەرىپىدىن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» غا يەتكۈزۈلگەن. «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» 2017-يىلى 28‏-سېنتەبىر كۈنى جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت ۋە باشقا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا، ئۇلارنىڭ ئادىل سوتلانغان-سوتلانمىغانلىقى، ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشكە چاقىرغان. 

2017-يىلى ئەتىيازدا بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك بېسىملار ئارقىلىق مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىپ تۇتقۇن قىلغان. ئەينى چاغدا رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى تۇتقۇن قىلىنىپ، «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە قامالغان. بۇزەينەپ ئابدۇرېشىتمۇ مىسىردا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۈزلۈكسىز بايانات ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.