ئالماتا شەھىرىدە سېرىقبۇيا شېھىتلىرىگە ئاتاپ يىغىن چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى 7 - ماي كۈنى ئالماتادا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىنغا 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى سۆز قىلدى. ئارقىدىن فرانسىيىدە چاقىرىلغان ئاياللار يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلگەن 11 ئايال سۆز قىلىپ، فرانسىيىدىكى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قازاقىستاندا ئۇيغۇر دەۋاسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا د ئۇ ق بۇندىن كېيىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۆۋەندە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردىيېف ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى رەئىسى ئامىنە تۇردىيېۋا خانىملار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.