ئالمۇتادا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.07.02
almuta-5-iyul-2018-urumchi-weqesi-1.jpg ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 1-ئىيۇل، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

1-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇيۇم» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇر جامائىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى يۇرت-مەھەللە جامائەتچىلىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 100 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەخمەتوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن دىنىي زات سەدىردىن ھاجىم «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتتە دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئادىلەم مەسىمجان 2009-يىل «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك تىنچ ئۇسۇلدىكى نارازىلىق نامايىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-ئازادلىقلىقىنى نىشان قىلغان دېموكراتىك ھەرىكەتتۇر. ‹ئۈرۈمچى ۋەقەسى› نىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ زامانىۋى ئۇيغۇرىستان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى ۋە ئۇنى خەلقئارالاشتۇردى. مىللىتىمىز بۇ قېتىملىق كۈرەش داۋامىدا ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار يەنە بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشقا ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەت ياراتتى.»

ئاندىن كېيىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۈچ مەسىلە، يەنى ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارادىكى ئىنكاسلار شۇنداقلا رابىيە قادىر ۋە دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. قەھرىمان غوجامبەردى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئېتىش، چېپىش، دىنسىزلاشتۇرۇش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توختاتماي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئاخىرىدا يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى» تاقاش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىلنۇر قاسىموۋا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مالىيە ۋەكىلى بەختىيار ئىلىيېف، «ئېھسان» ژۇرنىلى تەھرىرات كېڭىشىنىڭ ئەزاسى سەدىردىن ئايۇپوفلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەر، «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشىنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا ھوقۇق نورمىلىرىغا زىت كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنگىچە خىتايلار خەلقىمىزنىڭ بۇ ئاھۇ-زارلىرىنى تىڭشاشنىڭ ئورنىغا زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. بۇنى ئاڭلاپ بىز قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تۇرمۇشىمىز گەرچە خاتىرجەم بولسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىمىز خاتىرجەم بولمىدى. ھەر قايسىمىزنىڭ ئانا ۋەتەندە قېرىنداشلىرىمىز بار. ھەممە ئۇيغۇر بىز ئۈچۈن قېرىنداش. بىر مىللەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇلار ئۈچۈن قايغۇرىمىز. كۆزلىرىمىزگە ياش تولۇپ زارلانماقتىمىز. مۇھاجىرەتتىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزمۇ خاتىرجەم ئەمەس.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىلنۇر قاسىموۋا خانىمنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر مۇراسىمغا كەلگۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» مەسىلىسىگە قىزىقىپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سوئاللار سوراشقان. ئۇ «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ پۇل يىغىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقنى تەربىيەلەش ئۈچۈندۇر. بىز خەلقىمىزگە نېمە ئىش قىلالايمىز؟ فوند قۇرۇپ ئىقتىساد توپلايمىز. فوندنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. دۇنيا يۈزىدىكى تۈرمىلەردە، لاگېرلاردا، ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن خەلقىمىزگە قانداق ياردەم بېرىمىز؟ مەنىۋى ياردەمدىن باشقا يەنە ماددىي ياردەممۇ بار. بەدەل پۇلىمىز شۇلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شۇ بەدەل ئارقىلىق بىز بىرلەشسەك، بىز ئۇيغۇر، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بار دېگەن ئىدىيەنى بالىلىرىمىزغا، خەلقىمىزگە چۈشەندۈرسەك، ئۇ ۋاقىتتا بىز ئازادلىققا يېتىمىز دەپ ئويلايمەن.»

«ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» مەسىلىسىنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار قانداق قوبۇل قىلدى؟ بۇ ھەقتە دىلنۇر قاسىموۋا يەنە مۇنداق دېدى: «جامائەت مۇشۇ بەدەل ھەققىدە كۆپ سوئاللار سوراشتى. ھازىرغىچە كۆپلىگەن كىشىلەر ماڭا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە سوراۋاتىدۇ. ‹بىز ئەۋەتەيلى. بۇ پۇللارنى ۋەتىنىمىزگە ئىشلەتسەڭلار بىز رازى› دېگەنلەرمۇ جىق بولدى. ھازىرمۇ بەدەل پۇلىنى تۆلەۋاتقانلار بار. دېمەك بۇ بەدەل بىزنى ئۆملەشتۈرىدىغان بىر ۋاسىتە.»

مۇراسىمغا زىيالىيلار، يىگىت باشلىرى ۋە كۆپلىگەن ياشلار قاتناشتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئېھسان» ژۇرنىلى تەھرىرات كېڭىشىنىڭ ئەزاسى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياشلار «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ئېچىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ دوست ئەمەس، بەلكى ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىگە، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنى رەھىمسىز ئېزىپ كېلىۋاتقان باسقۇنچى ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر مەھەللە-مەھەللىلەردە ياشلارغا ۋەتەن، ئۇيغۇر، خىتاي توغرىلىق سۆزلەپ قويساق، ئاھ ئۇرۇپ كېتىدۇ، نېمە قىلساق بولىدۇ، شۇلار ئۈچۈن؟ دېگەن سوئاللارنى قويۇپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.»

ئىگىلىشىمىزچە، 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق قايغۇرغان ئىدى. شۇ يىلى 19-ئىيۇلدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت سارىيىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاممىۋى تۇتقۇن قىلىشلارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە يىغىلغان 8 مىڭغا يېقىن ئاۋامنىڭ مۇتلەق كۆپىنى ياشلار تەشكىل قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.