خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجىدىكى مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم دىنىي زاتلارنى سەۋەبسىز قولغا ئېلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى «مەشرەپ» پائالىيىتىنى چەكلىشىگە قارشى تىنچلىق نامايىشى تەشكىللىگەن ئىدى. ھالبۇكى، شۇ قېتىمقى نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى ھەمدە نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىندى.

امېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش

ئەمدى دىققىتىڭلار، مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ نامايىش نەق مەيدانىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىدا بولسۇن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «نامايىشنى بىر ياقلىق قىلىش جەريانىدا 11 كىشى ئۆلدى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، شۇ ئىشلارغا شاھىت بولغانلار شۇ قېتىمقى ۋەقەدە يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە شىتاتى ۋە باشقا قوشنا شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ شۇ قېتىمقى تىنچلىق نامايىشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتورلۇقىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.